تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، جەنۇبقا ئۇچقان ياۋا غاز توپى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئىلى دەرياسى بويىدا دەم ئالدى. ھەر يىلدىكى كۈز، قىش پەسىللىرىدە، توپ-توپ ياۋا غازلار سىبىرىيە ئەتراپلىرىدىن جەنۇبقا كۆچۈپ، ھەيۋەت بىلەن جەنۇبقا ئۇچۇپ قىشلايدۇ، ئىككىنچى يىلى باھاردا، ئۇلار يەنە ئۇزۇن مۇساپىلىك سەپەر قىلىپ، شىمالغا قاراپ ئۇچۇپ سىبىرىيەگە بېرىپ كۆپىيىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسى سىجىل ياخشىلىنىپ، ياۋا غازلارنىڭ كۆچۈشىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ۋە قونالغۇ بولۇپ قالدى.
«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى