شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شۇاڭ خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، 3-قېتىملىق «خېبېي-شىنجاڭ مۇھەببىتى . بايىنغولىن ئوبلاستى سەپىرى»دە خېبېيدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭغا كەلگەن 20 نەچچە ئاپتوموبىل ئەترىتى يەتتە كۈن، 3600 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن كورلىغا يېتىپ كەلدى.
جاڭ ياپىڭ ئەترەتتىكى ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن ئەزا ھېسابلىنىدۇ. 2017-يىلى، ئۇ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بارغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. «شىنجاڭ بولسا كەلسە كەتكۈسى كەلمەيدىغان، كەتسە يەنە كەلگۈسى كېلىدىغان جاي. مەن خېلى بۇرۇنلا بايىنغولىن ئوبلاستىغا كېلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئوخشىمىغان مەنزىرىسىنى كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىغانىدىم.» جاڭ ياپىڭنىڭ دېيىشىچە، خېبېي ئۆلكىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ۋە دالىدا قونۇش ئۆي ئاپتوموبىلى جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇ تۇنجى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىكەن.
خېبېي ئۆلكىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ۋە دالىدا قونۇش ئۆي ئاپتوموبىلى جەمئىيىتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جيا گۇاڭنەن مۇنداق دېدى: توغراق، قۇملۇق، تارىم دەرياسى قاتارلىقلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىدە دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان ئۆرپ-ئادەت بار بولۇپ، كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ. سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۇلار يەنە يەنجى، باغراش، بۈگۈر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىدىكەن.
«خېبېي-شىنجاڭ مۇھەببىتى. بايىنغولىن ئوبلاستى سەپىرى» تېمىسىدىكى خېبېينىڭ شىنجاڭدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش پائالىيىتى 2018-يىلى باشلانغان، بۇ يىل 3-قېتىم بولۇپ، بۇ پائالىيەت 400دىن ئارتۇق كىشىنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.