10-ئاينىڭ 19-كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۆكتوقاي شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى جيامۇس شەھىرىدىكى ۋەندا مەيدانىدا «ئالتاي سوۋغىسى» تېمىسىدىكى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتى 21 كۈن داۋاملىشىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى كۆكتوقاي گېبى گوشياڭ قاتارلىق سەككىز كارخانىنىڭ 39 خىل تۈردىكى 660 تىن ئارتۇق مەھسۇلاتىنى «ئالتاي سوۋغىسى» دۇكىنىدا سېتىش بېكىتىلدى.
«ئالتاي سوۋغىسى» دۇكىنى ۋەندا مەيدانىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى زالىنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئورنىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 40 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش نەق مەيدانىدا، مال جازىسىغا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى لىق تىزىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قوي گۆشىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشنىڭ تۇنجى كۈنىلا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى.
خېيلۇڭجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۆكتوقاي شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دېھقان(چارۋىچى)لىرى، پىششىقلاش كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى تەمىنات-سودا سۇپىسى ۋە كۆرگەزمە يولى بەرپا قىلىپ، مەھسۇلاتلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. (كۆكتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن: خەن شىفېڭ، خۇا جىڭيۈ)
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى