تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقسۇغا نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇسسۇللۇق ناخشا «جېجياڭ-ئاقسۇ قەلبداش»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دېڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ لى خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقسۇغا نىشانلىق ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تىياتىرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  جېجياڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بەرگەن ئون يىلدىن بۇيان، نەچچە ئون مىڭ جېجياڭلىق كادىر، ئىختىساسلىقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئارال شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  كېچىلىكتە جېجياڭ-ئاقسۇنىڭ «ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇش، ئۆزئارا سىڭىشىش» مەزمۇنى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر ئارىلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل ئىپادىلەپ چىقىلىپ، جېجياڭ-ئاقسۇنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملىنىپ، جېجياڭ-ئاقسۇ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت تالانتى نامايان قىلىنىش بىلەن بىللە، جېجياڭ-ئاقسۇ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بىر نىيەتتە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئىشەنچى نامايان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى