تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ھەزىرتىئەلى ھەبىبۇللا: كەنت ئاھالىلىرى مېنىڭ مۇلازىمىتىمگە موھتاج

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىش بېجىرگىلى كېلىدىغان ئامما ئازلىدى، يېڭىسار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئوچار ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى ھەزىرتىئەلى ھەبىبۇللا دەرھال خەلق ساقچىلىرىنى خور مەشىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئىدارە ئورۇنلاشتۇرغان قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلدى. «بۇنداق چاغدا كەسىپنىڭ ئاز بولۇشى بەك كەم ئۇچرايدۇ، ئادەتتە ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش بولىمىز.» دېدى ئۇ.

بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ھەزىرتىئەلى قوشۇمچە ساقچىخانىنىڭ نوپۇس ساقچىسى. يېڭىسار ناھىيەلىك ئوچار بازىرىدا ھەرخىل نوپۇس كەسىپ مىقدارى كۆپ، نوپۇس ئىشخانىسىغا كېلىپ كەسىپ بېجىرىدىغان ئامما ھەر كۈنى 100دىن ئاشىدۇ. ھەزىرتىئەلى بىر كۈندە كىملىك كەسپىدىنلا 170تىن ئارتۇقنى بېجىرىدۇ. «كۈزدە نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىيدۇ، كېلىدىغان ئادەم ئازراق، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلگەندە، كىملىكىنى، نوپۇس دەپتىرىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئادەملەر بىردەم-بىردەم كېلىپ تۇرىدۇ، ھەقىقەتەن يېتىشكىلى بولمايدۇ.» دېدى ئۇ.

ھەزىرتىئەلىنىڭ ئۆيى ناھىيە بازىرىدا بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، ئائىلە شارائىتى ناھايىتى ياخشى. 2010-يىلى قەشقەر سىفەن شۆيۈەنى (ھازىرقى قەشقەر داشۆسى)نىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ناھىيە بازىرىغا قايتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردى. «ئەينى چاغدا ئىشخانىدا كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئويلىمىغان يەردىن ئوچار ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەلىك رايون ساقچىلىقىغا تەقسىملىنىپ، ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقىتتا كەنت ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلدىم.» دېدى ھەزىرتىئەلى كۈلۈپ تۇرۇپ.

ناھىيە بازىرىغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوچار بازىرىدا، ھەزىرتىئەلى 10 يىل ئىشلىدى. ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدى، ئىلگىرى ناتونۇش بولغان كەنت بارغانسېرى تونۇش بىلىندى، ئىلگىرى پەقەت ئالاقە قىلىپ باقمىغان كەنت ئاھالىلىرى بىلەنمۇ بارغانسېرى يېقىن بولدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەملىشىپ بۇغداي ئورۇشۇپ بەردى، دەسلەپتە كۈچ سالمىقىنى ياخشى ئىگىلىيەلمەي، ھەم ھاردى ھەم قولىدىن ئىش چىقمىدى، ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، بارا-بارا پىشقان ئىشچىغا ئايلاندى.

2017-يىلى نوپۇس ساقچىسى بولغاندىن كېيىن، ھەزىرتىئەلىنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ ئالدىراش بولدى. «نوپۇس ۋە كىملىك كەسپى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى بېجىرىش كېرەك» دېدى ئۇ. بىر قېتىم، كەنت ئاھالىسى ھەمراگۈل ئىمىن ئۇنىڭدىن ياردەم سورىدى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئېرى سىرتتا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا، دادىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئوغلىنىڭ نوپۇسى يوق بولۇپ، نوپۇسىنى ئۆزىنىڭكىگە ئالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى. ھەزىرتىئەلى ئالدى-كەينى قاتراپ يۈرۈپ، قارشى تەرەپ تەۋەلىكىدىكى خەلق ساقچىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇدۇللىشىپ، ئاخىرى ماتېرىياللارنى يىغىپ، بالىنىڭ نوپۇسقا ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەردى. نوپۇس بار بولسا، بالا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولالايتتى.

نوپۇس ساقچىسىنىڭ خىزمىتى كومپىيۇتېر ئالدىدا ئىزچىل ئولتۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى، بۇ ھەزىرتىئەلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىزمەتكە بولغان تەسەۋۋۇرىغا ھەقىقەتەن ماس كېلەتتى، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۈتۈپ گەپنى كۆپ قىلغاچقا، كەچتە گېلى پۈتۈپ ئاغرىپ كېتەتتى. 2018-يىلى، ئۇ دوختۇرخانىدا بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك ئىدى، لېكىن ئامما ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، ئورنىدىن تۇرىدىغان پۇرسەتمۇ ئاز بولاتتى.

خىزمەت خاراكتېرى سەۋەبىدىن، ھەزىرتىئەلىنىڭ ئۆيىگە قايتىش سانى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، ھەر قېتىم ناھىيە بازىرىغا قايتقاندا ئالدى بىلەن گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە كۆكتات، گۆش، تۇخۇم سېتىۋېلىپ، ئايالىنىڭ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش يۈكىنى يەڭگىلىتەتتى. خوتۇنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، خىزمىتىمۇ ناھايىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئۈچ ياشلىق ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز ئادەم تەكلىپ قىلدى.

ھەزىرتىئەلى كەچتە ۋاقتى بولسا خوتۇنى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈش ئارقىلىق پاراڭلىشاتتى، سىنلىق كۆرۈشۈشتە بالىسىنى كۆرگەندە، ئۇ كۈلۈپ باشقىچە خۇش بولۇپ كېتەتتى.

مۇخبىر، سىز ناھىيە بازىرىغا قايتىپ خىزمەت قىلىشنى ئويلامسىز؟ دەپ سورىغىنىدا، ئۇ، ئەلۋەتتە ئويلايمەن، ئەمما كەنت ئاھالىلىرى مېنىڭ مۇلازىمىتىمگە موھتاج، مەن كەتسەم بولمايدۇ.» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى