10-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىسىدىكى جىڭتيەن قارا ئاشلىق تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان 550 مو چۈجگۈن قوناق ئېتىزىدا، كومبايىن ئۇياقتىن بۇياققا يۈرۈپ مەشغۇلات قىلىپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، بازار ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، دېھقانلارنى خاس دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ يېتەكلەپ، ئەلا سۈپەتلىك چۈجگۈن قوناق سورتىنى كىرگۈزدى. تېخنىكىسى بار پارتىيەلىك كادىرلار ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنى ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلىدى ھەمدە «شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، چۈجگۈن قوناق تېرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سېستىمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، كومبايىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىسىنىڭ چۈجگۈن قوناق تېرىقچىلىق بازىسىدا ئورۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، كومبايىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىسىنىڭ چۈجگۈن قوناق تېرىقچىلىق بازىسىدا ئورۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىسىنىڭ چۈجگۈن قوناق تېرىقچىلىق بازىسىدىكى چۈجگۈن قوناقنىڭ دانچىسى تولۇق بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇش قىلاتتى.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىسىنىڭ چۈجگۈن قوناق تېرىقچىلىق بازىسىدىكى چۈجگۈن قوناقنىڭ دانچىسى تولۇق بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇش قىلاتتى.
10-ئاينىڭ 16-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا پونكىتىدىكى ئاگرونوم چۈجگۈن قوناق تېرىقچىلىق بازىسىدا چۈجگۈن قوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى