تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

رەسىم سىزىش بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تىل ئىپادىسىدۇر

   داڭلىق مائارىپشۇناس دېتېر ۋېخ مۇنداق دېگەن: «توققۇز سائەت كۆرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىدىن، بىر سائەت رەسىم سىزىش ئارقىلىق كۆپ نەرسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.» رەسىم سىزىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئوڭ-سول مېڭىسى بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، كۆرۈش بۇلۇڭى بىلەن دۇنيانى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى رەسىمگە سىڭدۈرىدۇ. بالىلار مول تىل بىلەن ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلىيەلمىگەندە، رەسىم سىزىش شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەيپىياتى بىلەن ئىچكى دۇنياسىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

  بالىلارنىڭ رەسىم سىزىش قابىلىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئوربىتىسىنى ئۇلارنىڭ پسىخىكىسى، فىزىيولوگىيەلىك تەرەققىيات رىتىمى بەلگىلەيدۇ. سەككىز ئايدىن بىر ياشقىچە بولغان بالىلار قەغەزگە چېكىت چېكىدۇ؛ بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلار خالىغانچە قاغا پۇتى سىزىش باسقۇچىدا بولىدۇ، بۇ چاغدا بالىلاردا رەسىم سىزىش ئۇقۇمى شەكىللەنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەزگۈ ئەزاسىغا تايىنىپلا قالايمىقان سىزىدۇ؛ ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلار قاغا پۇتى سىزىشنى كونترول قىلىش باسقۇچىدا بولىدۇ، سىزىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە قەغەزنىڭ چېتىنى ئاڭ بىلەن كونترول قىلىدۇ؛ ئۈچ ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلاردا رەسىم سىزىش ئېڭى بىخلىنىدۇ، ئۆزى سىزغان رەسىمگە ئىسىم قويىدۇ، بىر تەرەپتىن رەسىم سىزىدۇ، بىر تەرەپتىن سىزماقچى بولغان رەسىم مەزمۇنىنى تەسۋىرلىيەلەيدۇ؛ تۆت ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلار ئىنچىكە ھالقىلىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ، ئۆزى ئەڭ قىزىققان قىسىملارنى سىزىش يۆنىلىشى قىلىدۇ؛ ئالتە ياشتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، تەبىئەت، ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ئىشلارغا بولغان ھەقىقىي چېن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئىنچىكە ھالقىلىرى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە تېخىمۇ موللىشىدۇ. ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار ئادەتتە بالىنى رەسىم سىزىشقا قانداق يېتەكلەش كېرەك؟

  شارائىت يارىتىپ بېرىش. بالىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئۇلارغا سىزمىچىلىق تاختىسى ياكى چوڭ رەسىم سىزىش قەغىزى بىلەن قوراللارنى تەييارلاپ بېرىش، مەسىلەن، بوياق، ماي بوياق قاتارلىقلار، بالىنىڭ رەسىم سىزغاندىكى قىياپىتى بىلەن قېرىنداش تۇتقاندىكى قىپايىتىگە بەك كىرىشۋالماسلىق، ئۇنىڭغا رەسىم سىزىشنىڭ ئازادە، زوقلىنىدىغان، قىزىقارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  قىزىقىشىنى قوغداش. دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپشۇناسى چېن خېچىن مۇنداق دېدى: «بالا بولسىلا ھەممىسىنىڭ رەسىم سىزىش قىزىقىشى بولىدۇ، رەسىم سىزىش ئېغىز تىلىنىڭ باشلامچىسى، گۈزەل تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدىغان قورال.» بالىلار تۇغۇلۇشىدىنلا رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ رەسىم سىزىش قىزغىنلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوغدىشى كېرەك، بالىلار رەسىم سىزغاندا گەپ قىستۇرماسلىق، ئارىلاشماسلىق، دەخلى قىلماسلىق، گۇمانلانماسلىق كېرەك. ئۈلگە نۇسخىسىنى ئېلىپ بالىلارغا دوراپ سىزدۇرماسلىق، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى چەكلەپ، رەسىم سىزىش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

  كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش. ياپونىيەنىڭ بالىلار مائارىپى مۇتەخەسسىسى نياۋجۈ شاۋمېينىڭ «بالىلارنى تەربىيەلەشنى رەسىم سىزىشتىن باشلاش كېرەك» دېگەن كىتابىدا: رەسىم سىزىش، قاغا پۇتىنى ئەركىن سىزىش بالىلارنىڭ ھېسسىيات ئىپادىسىدۇر، دېيىلگەن. شۇڭا ئاتا-ئانىلار «رەسىمنى ياخشى سىزىش-سىزماسلىق»، «ئوخشىتىپ سىزىش-سىزماسلىق»تىن ئىبارەت ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى بىلەن بالىلارنىڭ رەسىمىنى باھالىماسلىق، رەسىمىدە ئىپادىلىمەكچى بولغان نەرسىنى ياخشى ئاڭلاش، بالا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى چۈشىنىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

  تەجرىبىسىنى موللاشتۇرۇش. بالىنى تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇپ بىۋاسىتە ئۆگىتىش، بىۋاسىتە تەجرىبىگە ئېرىشتۈرۈش. ئاتا-ئانىلار دائىم بالىنى تاغ-ئورمان، شاقىراتما قاتارلىق تەبىئىي مۇھىت ۋە دۇكان، كۆرگەزمە سارىيى، كوچىلارغا بىللە ئېلىپ چىقىش، بالىلار بىلەن كۆپرەك تۇرمۇش توغرىسىدا پاراڭلىشىش كېرەك. مەسىلەن، «يېقىندا يەسلىخانىدا قىزىقارلىق ئىشلار بولدىمۇ» دېگەندەك سوئاللارنى سوراش، بۇ رەسىم سىزىشتا خام ماتېرىيال بولۇپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەمدە ئىچكى ھېسسىياتىنى چۈشىنىدىغان ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى