ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 2-قېتىملىق بېلىق تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش باشلاندى، 200 مىڭ بېلىجان قويۇپ بېرىلىپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىپ، سۇلۇق يەر باغچىسىغا كېلىپ ماكانلاشقان پەسىل قۇشلىرىنى يېتەرلىك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن ھەر خىل تۈردىكى 200 مىڭ دانە بېلىجان ماناس سۇلۇق يەر سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.
ھازىر، پەسىل قۇشلىرى كۆچىدىغان يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، نەچچە 10 مىڭ ياۋا غاز، ئۇقار، قارنا، يېشىل باش ئۆردەك قاتارلىق پەسىل قۇشلىرى ماناس سۇلۇق يېرىنىڭ تېيىز يېرىدە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. بۇ قېتىمقى كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش بۇ پەسىل قۇشلىرىنى يېتەرلىك يېمەكلىك مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلىدىن بۇيان، تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، كۆلچەكتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش ماناس سۇلۇق يەر كۆلىمىنى ئەسلىدىكى 90 مىڭ مودىن 170 مىڭ موغا، قومۇش ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى 30 مىڭ موغا يەتكۈزگەن. «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى