تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ياڭاقنىڭ سېتىش يولى بار بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ مىن

   «بىر تال ئۇرۇق سالغاندا، بىر تۈپ ياڭاقتىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، مىڭ تال ئۇرۇق سالغاندا، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ».

   2017-يىلى 8-ئايدا، قومۇل شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەسەت ھەسەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى بولغان قومۇل شەھىرىدىن 1300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى قويچى كەنتىگە باردى. 2018-يىلى 1-ئايدا، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئەسەت قويچى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى.

   قويچى كەنتىنىڭ ئونسۇ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 22 مىڭ مو كېلىدۇ، كەنتتە 503 ئائىلىلىك، 3670 ئاھالە بار، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە 73. بۇ كەنت ئىلگىرى يىراق-يېقىنغا نامى چىققان ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، ياڭاق ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلاتتى، ئەمما، پەرۋىش يىرىك بولۇش، سېتىش يوللىرى راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالتۇن تېغى بولسىمۇ باي بولالمىدى. كەنت ئاھالىلىرىنى «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاشقا قانداق يېتەكلەش كېرەك، بۇ، ئەسەت، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى قىيىن مەسىلە ئىدى.

   «ئەينى چاغدا كەنتىمىزدىكى نۇرغۇن ياڭاقنى سېتىپ چىقىرالمىدۇق، كەنت ئاھالىلىرى تىت-تىت بولدى، بىز تېخىمۇ تىت-تىت بولدۇق، سېتىش يوللىرىنى ئېچىشنىڭ چارىسىنى تېزدىن تېپىشنى ئويلىدۇق» دېدى ئەسەت ئەسلەپ.

   ياڭاق سېتىش يولىنى ئاچقاندىلا، ئاندىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بوغما ھالەتنى ھەل قىلغىلى بولاتتى. ئەسەت بۇ ھەقتە شىنجاڭ باج ئىدارىسى رەھبەرلىكىگە ۋاقتىدا دوكلات بەردى.

   شىنجاڭ باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس بىر رەھبەرنى خېبېي ئۆلكىسىگە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ليۇگېخېتاۋ» داڭلىق ماركىسىغا ئىگە بولغان خېبېي ياڭيۈەن جىخۇي ئىچىملىك پاي چەكلىك شىركىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ياڭيۈەن شىركىتى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ياڭاق ئىچىملىك كارخانىسى بولۇپ، «ليۇگېخېتاۋ»نىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كارخانىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ياڭاق ئىشلەپچىقىرىدىغان جاينى ئىزدەپ تېپىش ئېھتىياجى ئىنتايىن جىددىي بولدى.

   «ئەگەر ليۇگېخېتاۋ›نىڭ سېتىۋېلىش تېز پويىزىغا چىقالىساق، بۇنىڭ كەنتىمىزنىڭ ياڭاق كەسپىگە بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمىتىمىز كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياڭيۈەن شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياڭاق ئۆستۈرۈش.» ياڭيۈەن شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىنىڭ تەستە قولغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن ئەسەت ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاكتىپلىق بىلەن ياڭيۈەن شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كەنتتىكى ياش، ئوتتۇرا ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى ياڭاق ئۆستۈرۈش، چاتاش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، بۇ ئارقىلىق ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. كۆپچىلىكنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن، ئەسەت دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى ئۆي-ئۆيلەرگە تارقىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە يۆلەش مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنى ئۆستەڭ ياساشقا تەشكىللەپ، سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ كەڭ كۆلەمدە ياڭاق ئۆستۈرۈشتە سۇ ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

   كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياڭيۈەن شىركىتى ئىشلەمچى يېزىسى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، قويچى كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كەنتنى ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بېكىتتى.

   2018-يىلى 9-ئايدا، ياڭيۈەن شىركىتى ئىشلەمچى يېزىسىدىن 30 مىڭ توننىغا يېقىن ياڭاق سېتىۋېلىپ، پۈتۈن يېزىدىكى دېھقانلارغا 100 مىليون يۈەنگە يېقىن پۇل بەردى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قويچى كەنتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 50 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بەزى جايلار ياڭاق ساتالمىدى، ئەسەت بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭاق ئېتىزى پەرۋىشىنى ياخشى ئىشلەپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ياڭيۈەن شىركىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، شىركەتنىڭ بارلىق ياڭاقنى توختامدىكى باھا بويىچە سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

   «ئەسلىدە يۇقۇمنىڭ تەسىرى بىلەن، ياڭاقنى سېتىپ چىقىرالماسلىقتىن ئەنسىرىگەنىدىم، ھازىر قارىسام بۇ ئەندىشىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئارتۇقچە ئىكەن، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم» دېدى كەنت ئاھالىسى ئەخمەت ئىمىن، «كېلەر يىلى تېخىمۇ كۆپ ياڭاق ئۆستۈرىمەن».

   بۈگۈنكى كۈندە، ياڭاق ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بېيىغان قويچى كەنتىدىكى دېھقانلار ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى