تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ قاراماي: بۇدارغا ئېچىلىپ مېۋىلىدى، جەرەنبۇلاق رايونى قىپقىزىل تۈسكە كىردى

كەچ كۈزدە، شىنجاڭ قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى جەرەنبۇلاق سۇ ئامبىرى يېنىدىكى چۆل-جەزىرە يانباغرى قىپقىزىل بولۇپ، بۇدارغا ئېچىلىپ مېۋىلەپ، خۇددى ياقۇتتەك چىرايلىق تۈسكە كىرگەن ئىدى.

شىنجاڭنىڭ چۆللۈك ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىنلا ياشاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بۇدارغا ئېرىگەن قار سۇيى ۋە يامغۇرغا تايىنىپ، سۇ ساقلاش ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتىيازدا قايتا كۆكلەش، يازدا يوپۇرماق چىقىرىش، كۈزدە مېۋىلەش ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇدارغا چۆللۈكتىكى تۆگە ۋە قويلارنىڭ يەم-خەشىكى، بۇدارغا توپى سۆكسۆك بىلەن بىللە ئۆسىدۇ، قىرو چۈشۈكى مەزگىلىدە چۆللۈك قىپقىزىل تۈسكە كىرىدۇ.

 «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى