تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇمتاغدا «قۇم ئالتۇنغا ئايلاندى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رايىدە

«ئالتۇن رەڭلىك قۇملۇقنىڭ چەكسىز كەتكەن كۆركەم، ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، ناھايىتى كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلدىم.» 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچى جاڭ شىن كۆز ئالدىدىكى قۇملۇقنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھاياجانغا چۆمدى.

10 - ئاي كىرگەندىن كېيىن، پىچان ناھىيەسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىدى، لېكىن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى قىلچىمۇ سۇسلاشمىدى. «بۇ مەزگىلدىكى تېمپېراتۇرا ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەن، كۈندۈزى بۇ يەردە بىر كۈن ئويناپ، كەچتە كۈن پېتىشنى كۆردۈم، ئاندىن شىڭكۇڭ مېھمانسارىيىدا قونۇپ يۇلتۇزلارنى كۆردۈم، ئۆزۈمنى بەكمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم» دېدى جاڭ شىن.

ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جاڭ شىن ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش قۇمتاغ قۇملۇقىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى تاللىغان ساياھەتچى ناھايىتى كۆپ. «بايرام مەزگىلىدە بىز قۇملۇقتا ئاينى تاماشا قىلىش، گۈلخان يېقىپ تەنتەنە قىلىش، پىيادە كېسىپ ئۆتۈش قاتارلىقلارنى يولغا قويدۇق، بۇلار ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بولۇپمۇ شىڭكۇڭ مېھمانسارىيىمىز بىر ئاي بۇرۇنلا زاكاز قىلىنىپ بولۇنغان» دېدى پىچان ناھىيەسى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېن جىڭ.

قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىدا قۇملۇق ئېكسكۇرسىيە ئاپتوموبىلى، قۇملۇق ئاپتوموبىلى، قۇملۇق موتوسىكلىتى، چىراغ مەنزىرىسى، قۇمدا سىيرىلىش، قۇم بارگاھى، «كېچىدىكى كىروران» قۇملۇق ئەمەلىي مەنزىرە ئويۇنى، ئۈچ بۇرجەكلىك قانات قاتارلىق ھۇزۇرلىنىش تۈرلىرى بار بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە ساياھىتى، مېۋە - چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش، پەن تەتقىقات، تەكشۈرۈش، ئېكسپېدىتسىيە، فوتو سۈرەت، قۇملۇق ھەرىكىتى، قۇملۇق مەدەنىيىتىدىن چوڭقۇر ھۇزۇرلىنىش بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت مەنزىرە رايونى.

«كەنت مېنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى تېپىشىمغا ياردەم بەردى، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى» دېدى پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى بازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇراخمان ھەبىبۇل تۆگىگە يەم بەرگەچ خۇشال ھالدا.

ئابدۇراخمان ئەسلىدە ئۈچ مو يەرگە ئۈزۈم تېرىپ، تۆگە بېقىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كۈنلىرى ناھايىتى غورىگىل ئۆتەتتى.

2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئابدۇراخمان ئائىلىسى تۆت تۆگىنى ئېلىپ مەنزىرە رايونىغا كىرىپ، ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە چۈشۈش، تۆگىگە مىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ تۆگىلىرى 40قا يەتتى، بۇلتۇر كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

ۋېن جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇم بىلەن داۋالاش تۈرىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قۇم بىلەن داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى بولۇپ، ھەر كۈنى قۇم بىلەن داۋالىنىدىغان ساياھەتچى 300دىن ئاشىدۇ.

قۇم بىلەن داۋالاش تۈرى يەنە ئەتراپتىكى خاس پۇقراۋى قونالغۇ، خاس يېمەك - ئىچمەك، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى قۇملۇق ساياھىتىگە تايىنىپ پۇل تاپتى.

قۇمتاغ ئېتىكىدىكى پىچان بازىرى كىچىك ھوڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمەرنىياز سېيىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا بەش يىل بولدى، قونالغۇغا چۈشىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇم بىلەن داۋالانغىلى كەلگەنلەر. «مەن تۇنجى يىلى پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ 3000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپقانىدىم، نامىمنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگەن مېھمانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇلتۇر بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتىم» دېدى ئىمەرنىياز.

«بىز مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ قېزىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ يەرنى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئىنتىلىدىغان قۇملۇق ساياھىتى مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى ۋېن جىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى