تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)لەرگە نام بېرىش ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىقلار بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر (ناھىيە)لەرگە نام بېرىش ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)لەرگە نام بېرىش ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، نام بېرىلگەن ۋە تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ ئالدى زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

لى كېچياڭ سۆزىدە ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن نام بېرىلگەن جايلار ۋە تەقدىرلەنگەن ئورۇن ھەم شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرى، قىسىم ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن، قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئارمىيەدىن قايتقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋە ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلاردىن، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى بارلىق زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پائال قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتىنى يەنىمۇ زورايتتى، ئارمىيە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتە پائال نەتىجە يارىتىپ، ئېغىر، زور تەبىئىي ئاپەتلەردە خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاۋانگارتلاردىن بولدى، بۇ يىل يۇقۇم ئالدىدا، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلدى، كەڭ ئارمىيە بىلەن خەلق قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلدى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، قاتناش - تىرانسپورت، ئارقا سەپ تەمىناتى قاتارلىق كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرا، دېڭىز ئاراللىرىدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئىلگىرىكىدەكلا ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ غەم - ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى كېيىنكى ئىشلىرىدىن ئەنسىرىمەيدىغان، ئائىلىسى ئۈچۈن دىققىتىنى چاچمايدىغان، ئەۋلادلىرىدىن غەم - ئەندىشە قىلمايدىغان قىلىشى كېرەك. بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا، ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان جايى بولۇش، ئىگىلىك تىكلىشىگە يار - يۆلەك بولۇش، ئىشسىز قالسا ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يوللارنى كېڭەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قوشۇن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىش، مەكتەپ ئالمىشىش، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارمىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللىشى كېرەك. نەپىقە بېرىش - ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مالىيە چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

يىغىندا مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى 411 ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)گە نام بېرىش، مەملىكەت بويىچە ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇنلارنى تەقدىرلەش، مەملىكەت بويىچە ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارار ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىندا نام بېرىلگەن، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)لەرگە، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى. ئارمىيە، يەرلىكنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، سۈن چۇنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، شېن يۆيۆ، شياۋ جيې، ما بياۋ كۆرۈشۈشكە ھەم يىغىنغا قاتناشتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى مياۋ خۇا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، بېيجىڭدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)لەر، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئارمىيە، يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.