تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

يېڭى تىپتىكى ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسى گۇيۈەن رايونىدا نامايان بولدى

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، خىزمەتچى خادىم نىڭشيا گۇيۈەن شەھىرى يۇەنجوۋ رايونى جۇڭخې يېزىسى فېڭباۋ كەنتىدە دېھقانلارغا يېڭى تىپتىكى ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، نىڭشيا گۇيۈەن شەھىرى يۇەنجوۋ رايونى جۇڭخې يېزىسى فېڭباۋ كەنتىدە ياڭيۇ يىغىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشىنى نەق مەيداندا كۆرسىتىش، كۆرەك قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارغا يېڭى تىپتىكى ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسى كېڭەيتىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەنئەنىۋى يىغىش ئۇسۇلىدا بىر ئادەم كۈنىگە بىر توننا ئەتراپىدا ياڭيۇ يىغالايدىكەن، ئەمما ھەر بىر يېڭى تىپتىكى ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسى كۈنىگە 80 توننا ياڭيۇ يىغالايدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ياڭيۇ كەسپى يۇەنجوۋ رايونىدىكى ئەۋزەل خاس كەسپ ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى يېتەكچى كەسىپ بولۇپ، تېرىقچىلىق كۆلىمى تەخمىنەن 135 مىڭ موغا يەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇەنجوۋ رايونى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتى، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن رايوندىكى ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش مەشغۇلات سەۋىيەسى %72كە يەتتى.(ۋاڭ پېڭ فوتوسى)

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، دېھقانلار نىڭشيا گۇيۈەن شەھىرى يۇەنجوۋ رايونى جۇڭخې يېزىسى فېڭباۋ كەنتىدە يېڭى تىپتىكى ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالى بىلەن تونۇشماقتا.
10-ئاينىڭ 20-كۈنى، خىزمەتچى خادىم نىڭشيا گۇيۈەن شەھىرى يۇەنجوۋ رايونى جۇڭخې يېزىسى فېڭباۋ كەنتىدە دېھقانلارغا يېڭى تىپتىكى ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆرسەتمەكتە(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
10-ئاينىڭ 20-كۈنى، خىزمەتچى خادىم نىڭشيا گۇيۈەن شەھىرى يۇەنجوۋ رايونى جۇڭخې يېزىسى فېڭباۋ كەنتىدە دېھقانلارغا يېڭى تىپتىكى ياڭيۇ يىغىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆرسەتمەكتە(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى