تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كۈزگى بۇغداي تېرىش ئاخىرلاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ رۇڭسېن خەۋىرى): ھازىر، دەل كۈزگى بۇغداي تېرىش مەزگىلى بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھەممىلا يەردە ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى.

  10-ئاينىڭ 18-كۈنى، شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى بازار كەنتىدىكى دېھقان ئېزىز غوپۇر كۈزگى بۇغداي تېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل ئېزىز غوپۇر 20 مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىغان بولۇپ، ئۇرۇقنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەۋسىيە قىلغانىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇ ئۇرۇقلارنى دورىلاش، سورتلۇق ئۇرۇقنى تۈجۈپىلەپ تېرىشنى ئۆگىنىپ، كېلەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشقا ياخشى ئاساس سالدى.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ بۇغداي تېرىش تولۇقلىمىسى بارغانسېرى ئۆستى، تېرىقچىلىق جەريانىدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ بىزگە تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە باشقۇرۇش مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈردى، بۇنىڭ بىلەن كېلەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچىم ئاشتى» دېدى ئېزىز غوپۇر.

  1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چېن جۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇغداي تېرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسى بولغاچقا، بۇ يىل بازار كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ بۇغداي تېرىش ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، ئەسلىدە 1300 مو يەرگە تېرىش پىلانلانغان بولۇپ، ئەمەلىي تېرىش كۆلىمى 1450 موغا يەتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى 2 مىليون 190 مىڭ مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھەرقايسى جايلار كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتىنى ئارقا-ئارقىدىن باشلىغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ۋاقتىدا تېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  ھازىرغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈزگى بۇغداي تېرىش ئاخىرلاشتى، تېرىلغان يەر كۆلىمى 1 مىليون 971 مىڭ 200 مو بولۇپ، تېرىش سۈرئىتىنىڭ %90 ى تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان كۇچا شەھىرىدە، تېرىش كۆلىمى 430 مىڭ موغا يېتىپ، پىلان %94 ئورۇندالدى، باي ناھىيەسى، ئونسۇ ناھىيەسى ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تېرىش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ۋە ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىدىكى مۇتەخەسسىس مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېقىندا قىراۋ چۈشۈپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، كۈزگى بۇغداي تېرىمىغان دېھقانلار پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا نەم يەرگە ئۇرۇق سېلىشى، تېرىلىپ بولغان يەرلەرنىڭ ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، مايسىلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، كۈزگى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ تەكشى، ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ھەمدە شاخ-شۇمبىلار قايتۇرۇلغان ئېتىزنى ۋاقتىدا چىڭداپ، بۇغداينىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى