تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈز پەسلىدە ئىچىشكە ماس كېلىدىغان كۈتۈنۈش چايلىرى

   ئەتكەن چاي گەرچە ئىچىشلىك بولسىمۇ، ئەمما بەدەنگە مەنپەئەت قىلمايدۇ، كۆپ ئىچكەندە ئادەمنى سەمىرىتىدۇ، شۇڭا كۈز پەسلىدە ئەتكەن چاي ئىچكەندىن بىر ئىستاكان كۈتۈنۈش چېيى ئىچكەن ئەۋزەلدۇر. بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى شەرق دوختۇرخانىسى ئوزۇقشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋېي گو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەتكەن چاي دەسلەپتە سۈت بىلەن پەمىل چاي ماسلاشتۇرۇپ دەملەنگەن ساغلام ئىچىملىك ھېسابلىناتتى، غەربتە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ قاتارلىق جايلىرىدا ئۇزۇن يىللىق ئىچىش تارىخىغا ئىگە. كەچكى كۈز ۋە قىش پەسلىدە، ئۆز قولىمىز بىلەن دەملەنگەن ئەتكەن چاينىڭ قەنت تەركىبى كونترول قىلىنىپ، يۈزدە يۈز سۈت قوشۇشقا كاپالەتلىك قىلىنسا، ھەم مەززىلىك ھەم ساغلام بولىدۇ.

   ۋېي گو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەتكەن چاي دەملەش ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئالدى بىلەن 250 مىللىلىتېر ئەتراپىدا سۇ قاينىتىپ، 3 گىرامدىن 5 گىرامغىچە چاي سېلىپ ، ئۈچ مىنۇتقىچە دۈملەيمىز، قېنىقراق چاي ئىچىشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۇزاقراق دۈملىسەك بولىدۇ؛ بۇنىڭغا يەنە 250 مىللىلىتېر سۈت قويۇپ قاينىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا شېكەر ياكى ھەسەل سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن 500 مىللىلىتېر ئەتراپىدا ئەتكەن چاي تەييار بولىدۇ، بۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى 250 مىللىلىتېر سۈت بىلەن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.

  جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش چېيى

   گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك 2-جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل جۇڭيى دوختۇرى جاڭ يىڭيىڭ بۇ كۈزلۈك كۈتۈنۈش چېيىنى تەۋسىيە قىلدى، تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالقات 15 گىرام، خاڭجوۋ جۇخارگۈلىدىن 10 گىرام، شىخۇدىن 10 گىرامنى 1000 مىللىلىتېر سۇغا 15 مىنۇت چىلايمىز، ئاندىن يېرىم سائەت قايناتقاندىن كېيىن ئىچسەك بولىدۇ، ياكى بىۋاسىتە قاينىتىپ ئىچسەكمۇ بولىدۇ.

 خۇسۇسىيىتى: جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا قۇرۇق ئىسسىقتىن زەخمىلەنگەن ئۆپكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ، يەنە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغانلارنىڭ كۆز ئېچىچىشىنى پەسەيتىدۇ ۋە ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ.

 مەنپىيلىكنى كۈچەيتىپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش چېيى

  گۈلسامساق، شاقاقۇل، نېلۇپەر ئۇرۇقى ھەربىرىدىن 10 گىرام، بەش دانە چوڭ چىلاننى 500 مىللىلېتىر سۇغا 15 مىنۇت چىلايمىز، ئاندىن يېرىم سائەت قاينىتىپلا ئىچسەك بولىدۇ، بىۋاسىتە قايناقسۇ بىلەن دەملەپ ئىچسەكمۇ بولىدۇ.

 خۇسۇسىيىتى: مەنپىيلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ، ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ، مەنپىيلىكى ئاجىز بەدەنگە ماس كېلىدۇ، كۈز پەسلىدىكى ئۇسساپ، يۇتقۇنچاق قۇرۇشنى پەسەيتىدۇ، كۈز پەسلىدىكى تېرە قۇرغاقلىشىشنى ياخشىلايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى