تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

10-ئاينىڭ 12-كۈنى، مىدۇڭ رايونى داخۇڭگوۋ مەھەللىسى لەنيۈەن ئولتۇراق رايونىدا، ئۈرۈمچى كوئىنلۇن مۇھىت ئاسراش گۇرۇھىنىڭ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋۇ خاۋ (سولدا) قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئىشچىلار بىلەن بىللە ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىنى رېمونت قىلماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ جيەنخۇا خەۋىرى، فوتوسى): دەرۋازا ئالماشتۇرۇش، يۇندى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، يول يۈزىنى ياساش. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى داخۇاڭگوۋ مەھەللىسى لەنيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر «خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە كومىتېتى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى» دېدى.

  لەنيۈەن ئولتۇراق رايونى داخۇاڭگوۋ مەھەللىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى بولۇپ، 700دىن ئارتۇق ئائىلە 1800دىن ئارتۇق ئاھالە بار، ياشانغانلار تەخمىنەن %80نى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئولتۇراق رايون كونا ئولتۇراق رايونغا تەۋە بولغاچقا، ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئەمەس، شۇنداقلا ساقلانغان مەسىلە بىر قەدەر كۆپ ئىدى.

  ئۈرۈمچى كوئىنلۇن مۇھىت ئاسراش گۇرۇھىنىڭ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋۇ خاۋنىڭ ئېيتىشىچە، خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە كومىتېتى بىرلىشىپ خەلق تۇرمۇشى شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى توپلىغان.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار بىنا ئالدى يول يۈزىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئازگالنى رېمونت قىلىش، ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە بىر ئاھالىلەر بىناسىنىڭ يۇندى يولىنى راۋانلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى يېقىندا ھەل قىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى قاتارىغا كىرگۈزدى.

  ۋۇ خاۋ مۇنداق دېدى: دەرۋازا ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت ئىدى؛ يۇندى يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى بىر بىناغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى؛ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئازگال ئۈچ ئىشىككە چېتىلىدىغان بولۇپ، دەرھال ھەل قىلىشقا توغرا كېلەتتى.

  ئاھالە ليۇ سۇچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئىككى يىل ئىلگىرى، بىنا ئېغىزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىپ چوڭ بىر ئازگال ھاسىل بولۇپ قالدى، كۆپچىلىك ئۈستىگە نەچچە پارچە تاختاي قويدى، گەرچە مېڭىشقا تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، ئەمما كىشىگە خاتىرجەم تۇيغۇ بەرمەيتتى.

  خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە كومىتېتى گېئولوگىيە تارماقلىرىنىڭ تېخنىكا خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىش لايىھەسى توغرىسىدا توختالدى. بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە بېتون ياتقۇزۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئازگال مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە خەلق تۇرمۇشى خىراجىتى ئېلتىماس قىلىپ، دەرۋازىنى ئالماشتۇردى. كارخانا بايلىقىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى تېپىپ، تۇرۇبا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يۇندى يولى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئۈچ ئەمەلىي ئىش 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن ئىلگىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى.

    ليۇ سۇچىڭ مۇنداق دېدى: چوڭ ئازگال يوقىدى، كۆپچىلىك يولدا خاتىرجەم ماڭىدىغان بولدى، كۆڭۈل خاتىرجەم بولدى.

    ۋۇ خاۋ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتى يەنە ئولتۇراق رايون ئالدىدىكى يولنى رېمونت قىلىش، كۆكەرتىش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى