شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن ۋاڭ يىدى شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرى يىيۈەن ناھىيەسى شىلى بازىرى شۆجيايۈ كەنتىدىكى بىر گاس قىز. ئالتۇن كۈزدىكى ئالمىدىن ھوسۇل ئالدىغان مەزگىلىدە، ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن ئۇسسۇل ئارقىلىق، مول ھوسۇلغا تولغان مېۋىلىك بېغىدا يۇرتىنىڭ ئالمىسىنى «ۋاكالىتەن تونۇشتۇرماقچى» بولدى.
2003-يىلى ۋاڭ يىدى ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەندە، بىر مەيدان كۈتۈلمىگەن ھادىسىدە ئىككى قۇلىقى گاس بولۇپ قالىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يارىدىمىدە، ۋاڭ يىدى 2011-يىلى 6-ئايدا ئېلېكتىرونلۇق قۇلاق قۇلۇلىسى كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، قايتىدىن ئاۋازلىق دۇنياغا قايتىپ كېلىدۇ، ۋاڭ يىدى ئىزچىل مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلايدۇ.
2019-يىلى ۋاڭ يىدىنىڭ دادىسى ۋاڭ ماۋشېڭ سىرتتا نەچچە يىل ئىشلەپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئالما تېرىقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. يۇرتىدىكى ئالمىلارنىڭ سېتىش يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاڭ يىدى ئۆگەنگەن يېڭى تاراتقۇ كەسپى بىلىمى ۋە ئۇسسۇل ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتىدىكى ئالمىلارنى تەشۋىق قىلىپ ۋاكالىتەن تونۇشتۇرماقچى بولدى. نۆۋەتتە شۇ جايدىكى باغۋەنلەر 50 مىڭ كىلوگىرامغا يېقىن ئالمىنىڭ سىرتقا سېتىش زاكازىغا ئېرىشتى. ۋاڭ يىدى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، گەرچە ئۇ تىل بىلەن يۇرتىمىزنىڭ ئالمىلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا ۋە مەدھىيەلەشكە ئامالسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇسسۇل ئۇنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، يۇرتىدىكى ئالمىلارنى سىرتقا سېتىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇ باغ ئۇسسۇلچىسى بولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (جاۋ دۇڭشەن فوتوسى)