تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پامىر ئېگىزلىكىدىكى جۇڭگو-تاجىكىستان يولى

شىنجاڭ قاراسۇ پورتىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قاراسۇ پورتى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرادىن چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەكتە (10-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاي كىرگەندىن بۇيان، پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ قاراسۇ پورتى ئادەتتىكىدەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. پورتتا قاتتىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى تاشقى سودىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. قاراسۇ پورتى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتە بولۇپ، جۇڭگونىڭ تاجىكىستانغا ئېچىۋەتكەن قۇرۇقلۇق پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى تەرەپ سودىسىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

شىنجاڭ قاراسۇ پورتىدا، قاراسۇ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ساقچىسى ياڭ كەيشياڭ چېگرادىن چىققان ئاپتوموبىل شوپۇرىغا سالام بەرمەكتە (10-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ قاراسۇ پورتىدا، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى مۇداپىئە كۆز ئەينىكىنىڭ تۇمان بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇداپىئە كۆز ئەينىكىنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتمەكتە (10-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان).

قاراسۇ پورتىدا كران بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلماقتا (10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى