تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

پايتەخت يازغۇچىلىرى خوتەن ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھېكايىسىنى يازدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ مەن، دۇڭ بوتىڭ) نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىدا، بېيجىڭ لاۋشې ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پايتەخت بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى جوۋ مىننىڭ كېلىشى 40 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ھاياجانلاندۇردى، ئۇلار بەس-بەستە «يۇلغۇن چېچىكى ئېچىلدى»، «قۇملۇقتىكى كىچىك توپ شاھى»نى قولىدا تۇتقىنىچە يازغۇچىنىڭ ئىمزا قويۇپ بېرىشىنى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشنى، ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىشنى ساقلاۋاتقانىدى... جوۋ مىن كىتاب ئوقۇش دەرسى ئۆتۈۋاتقاندا، بالىلار خاتىرە دەپتىرىنى چىقىرىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇنىڭ قانداق قىلغاندا خۇشال-خۇرام كىتاب ئوقۇغىلى ۋە ئەركىن يېزىقچىلىق قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەرسىنى ئاڭلىدى.

  «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز . جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خوتەننى نۇرلاندۇردى» پايتەخت مەدەنىيەت ئېيى پائالىيىتىنىڭ بىر مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جوۋ مىن خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيەسى ۋە لوپ ناھىيەسىدە ئۈچ مەيدان ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، جەمئىي 120دىن ئارتۇق ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئۇلارغا دەرس ئۆتتى. خوتەن ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى چۇ شىن مۇنداق دېدى: بۇ، مۇشۇ جايدىكى كۇتۇپخانىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بالىلار تۇنجى قېتىم يازغۇچى بىلەن ئۇچراشتى.

  «يۇلغۇن چېچىكى ئېچىلدى»، «قۇملۇقتىكى كىچىك توپ شاھى» جوۋ مىننىڭ يېقىنقى يىللاردىكى يېڭى ئەسىرى بولۇپ، 2016-يىلىدىكى «بېيجىڭ-شىنجاڭ كىچىك مۇخبىرلار يازلىق لاگېرى»نىڭ ئەزاسى بىلەن خوتەندىكى تۇنجى ئايال كەسپىي پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى مۇقەددەس تۇردىرۇسۇل ئەسلىي تىپ قىلىنىپ، دىققەت ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، بۇ ئەسەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2019-يىللىق مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىغا سەپلەنگەن كىتابلار مۇندەرىجىسىگە ۋە دۆلەت ئاخبارات ـ نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ 2019-يىللىق دېھقانلار كۇتۇپخانىسى نۇقتىلىق نەشر بۇيۇمى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  خوتەندىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ھېكايىسى شۇ جايدىكى كىچىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتنى ئورتاقلىشىش باسقۇچىدا، بالىلار تاقەتسىزلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ سۆز قىلدى: «مېنىڭمۇ يۇلغۇن چېچىكى ئېچىلدىدىكى ئاينۇرغا ئوخشاش بېيجىڭغا بېرىپ، دۆلەت بايرىقىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرگۈم بار»، «مېنىڭمۇ مۇقەددەستەك ئارزۇيۇمدا چىڭ تۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇم بار»...

  جوۋ مىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەكتەپ، كۇتۇپخانا قاتارلىق مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قاتتىق دېتال شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، چېگرا رايوندىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى