تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساۋەن ناھىيەسى: لازا كەسپى ئوتتەك قىزىپ كەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لەي يۈنىڭ، جاڭ چىڭخۇا خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى ئەنجىخەي بازىرىدىكى لازىلار كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش باسقۇچىغا كىردى، لازا يىغىش ماشىنىسى ئېتىزدا توختىماي قاتناپ، يۈك ئاپتوموبىلى لازىنى ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى 10 مىڭ مولۇق قۇرۇتۇش مەيدانىغا توشۇدى.

  بۇ يىل، ساۋەن ناھىيەسى جەمئىي 53 مىڭ 700 مو يەرگە لازا تېرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنجىخەي بازىرىنىڭ لازا تېرىش كۆلىمى 40 مىڭ موغا يەتتى.

  ئەنجىخەي بازىرى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ساۋەن ناھىيەسىدىكى ئاساسلىقى لازا تېرىيدىغان يېزا-بازار ھېسابلىنىدۇ ھەمدە 40 نەچچە يىللىق تېرىقچىلىق تارىخىغا ئىگە. بۇ يەردە كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىيانشاننىڭ قار سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدىغان بولغاچقا، شىنجاڭدىكى سۈپىتى ئەڭ ياخشى لازا بولۇپ قالدى.


  ئەنجىخەي بازىرى شىنجاڭ بويىچە لازىنىڭ تۈرى ئەڭ تولۇق، سۈپىتى ئەڭ ئەلا بولغان تېرىش بازىسى ۋە سودا-سېتىق ئورنىدۇر. لازا شەنشى، خۇنەن، يۈننەن، گۇيجۇۋ، سىچۇەن قاتارلىق لازا پىششىقلاش مەركەزلەشكەن ئۆلكىلەرگە سېتىلىدۇ ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە، دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، كورېيە، ياپونىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ.

  ھازىر، ئەنجىخەي بازىرىدا لازا تېرىيدىغان دېھقان ئائىلىسىدىن 2200ى بار بولۇپ، لازا شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

  2015-يىلىدىن باشلاپ، ساۋەن ناھىيەسىدە لازا يىغىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، بىر لازا يىغىش ماشىنىسىدا بىر كۈندە 100 مودىن 120 موغىچە يەردە مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىكەن، بۇ ئىلگىرىكى 500 ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت مىقدارىدىن كۆپ. نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيەدە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنغان لازا كۆلىمى %95تىن ئاشقان.

  ساۋەن ناھىيەسى شىنجاڭدىكى لازا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى لازا ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. ساۋەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلەپ ھېسابلىشىچە، بۇ يىل يەرلىك يېڭى لازىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى ئىككى يېرىم توننىغا يەتكەن بولۇپ، ھەر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمى بۇلتۇرقىدىن 500 يۈەن ئەتراپىدا ئاشىدىكەن.

  ساۋەن ناھىيەسىدىكى لازىچى دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇل يىلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى