تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جەنۇبىي شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىدە ئىلمىي ئوغۇتلاش مودىغا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ۋېيبىن): «بۇ يىل كەنت <ئىككى كومىتېت>ى بىزنى ياڭاق ئۆستۈرۈشتە خۇاڭفۇسۈەن سۇيۇق ئوغۇتىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلىگەچكە، بۇ يىل مېنىڭ ياڭاقلىقىمغا ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، ئۈنۈمى ئاشتى» دېدى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسى توپقان بازىرى توپقان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەمەر مولنىياز.

بۇ يىل، توپقان كەنتى 1200 مودىن ئارتۇق خاس باغ-ئورماننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا كۆپ خىل زامانىۋى ئىلمىي تېرىقچىلىق باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇت تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسى ئەڭ ھالقىلىق تۈر ئىدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۇپراق ئوغۇتى ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تەتقىقات ئورنى كوللېكتىپىنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايلاندۇرۇلغان ئورگانىك ئوغۇت — يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى خۇاڭفۇسۈەن كالىي دېئوكسىد ۋە بىيوباكتېرىيە ئوغۇتى قاتارلىقلارنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باغۋەنچىلىكتە ئىلمىي ئوغۇتلاشنى باشلىدى.

مۇخبىرلار ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرىدىكى خۇاڭفۇسۈەن سۇيۇق ئوغۇتى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بازىسىغا كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان فۇاڭفۇسۈەن سۇيۇق ئوغۇتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى سۇلياۋ تۇڭغا قاچىلانغانلىقىنى كۆردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇڭ ئورالمىسى رەڭگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئىچىدىكى ئوغۇت مىكرو ئېلېمېنتلىرىنىڭ مىقدارىمۇ ئوخشىمايدىكەن، بۇنداق بولغاندا باغۋەنلەرنىڭ مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش مەزگىلىدە پەرقلىق ئىشلىتىشىگە قولايلىق بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، تۇپرىقى بىر قەدەر ئىشقارلىق بولغاچقا، سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ خۇاڭفۇسۈەن سۇيۇق ئوغۇتىنى دەل جايىدا يەتكۈزۈشىگە ئەگىشىپ، ئوغۇت تېجەش، سۇ تىجەش، تۇپراق مۇھىتىنى ياخشىلاش، مېۋىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىكەن.

نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەن خۇاڭفۇسۈەن سۇيۇق ئوغۇتى پەقەت «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياڭاقلىق، چىلانلىقتا  ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش» تۈرىدىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھېسابلىنىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق ئوغۇتى ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تۈر 2012-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ياڭاقلىق، چىلانلىقتا «5R»(ئوغۇت مىقدارى توغرا بولۇش، ئوغۇتلاش ئەندىزىسى توغرا بولۇش، ئوغۇتلاش تۈرى توغرا بولۇش، ئوغۇتلاش ۋاقتى توغرا بولۇش، ئوغۇتلاش ئورنى توغرا بولۇش) بويىچە ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېخنىكا سىستېمىسى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ياڭاق، چىلان دەرىخىنىڭ ئوزۇقلۇق تەمىنلەش ۋاقىتى جەھەتتە ماس قەدەمدە بولماسلىق، بوشلۇق ماسلاشماسلىق سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىز بولۇش، ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى تېخنىكا تىرىكى ۋە ھەل قىلىش تەدبىرىگە ئىگە قىلدى.

«ھازىر، خۇاڭفۇسۈەن سۇيۇق ئوغۇتى جەنۇبىي شىنجاڭ باغۋەنچىلىكىدە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلماقتا، بۇنىڭ بىلەن ھەر مو يەرگە كېتىدىغان تەننەرخ تەخمىنەن 300 يۈەنچە ئازىيىدۇ» دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسى تۇپراق ئوغۇتى ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تىجەش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شىنيۇڭ.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياڭاقلىق، چىلانلىقتا ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش» تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش كۆلىمى 7 مىليون مودىن ئاشقان، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ كىرىمى 2 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تەننەرخ تېجەپ قېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى