تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بەش ساياھەت مەنزىرە رايونىغا دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دەپ نام بېرىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار لى يەنرۇڭ، بۇ رېن): مۇخبىرلارنىڭ يېقىندا ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بەش ساياھەت مەنزىرە رايونىغا رەسمىي ھالدا دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دەپ نام بېرىلگەن. 

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ بەش مەنزىرە ساياھەت رايونى ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆربىلجىن ناھىيەسى يېمىلى  مەيدانى، شىخۇ شەھىرى ئۇلاستاي ساياھەت مەنزىرە رايونى، شىخۇ شەھىرى ئۇستۇ ساياھەت مەنزىرە رايونى، شىخۇ شەھەرلىك تەنتەربىيە باغچىسى، ساۋەن ناھىيەسى مەدەنىيەت مەيدانىدىن ئىبارەت.

  دۆربىلجىن ناھىيەسى يېمىلى مەيدانى دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى دوستلۇق يولىغا جايلاشقان، مەيدان ئارام ئېلىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش، سەيلە-ساياھەتنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، كەڭ ئاھالىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت، دەم ئېلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلىگەن.

  شىخۇ شەھىرى بەيياڭگوۋ بازىرى 2019-يىلى «مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل يېزا-بازار» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن، تەۋەلىكتىكى ئۇلاستاي ئوتلىقى ۋە ئۇستۇ مەنزىرە رايونىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە ئاساسىي ياخشى، مەنزىرىلەرنىڭ قىياپىتى ۋە رايوننىڭ ئادىمىيەت خاسلىقى گەۋدىلىك. يازدىكى بىپايان ئۇلاستاي ئوتلىقى كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ئاستىدا بەئەينى بىر پارچە يېشىل دېڭىزغا ئوخشاپ قالىدۇ، تۇتاش كەتكەن چىملىق بەلبېغى ۋە ئورمان بەلبېغى ئۆزئارا تۇتىشىپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇستۇ مەنزىرە رايونىدا ئورمان، ئوتلاق بار، يەنە دەريا ۋادىسى، تاش ساھىلمۇ بار. يازدىكى مەنزىرە رايونىنىڭ كىلىماتى ناھايىتى يېقىشلىق، مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل، دەريا ۋادىسىدا ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك بۇلاق سۈيى، پەلەككە بوي سوزغان قارىغايلار، ئېگىز-پەس چوقچىيىپ تۇرغان تاغلار ئاسمان بىلەن بىرلىشىپ، تاغ بىلەن ئاسمان ئوتتۇرىسىغا قارىغايدىن نەقىشلەنگەن گۈزەل يۆگىمە رەسىمگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  شىخۇ شەھەرلىك تەنتەربىيە باغچىسى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، شىخۇ شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر رايونى بىلەن جەنۇبىي شەھەر رايونىدىكى مەنزىرىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. باغچىنىڭ كۆلىمى 110 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىقتىدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، يېنىك ئاتلىتكا، سەيلە قىلىش رايونى، ئاخىرقى چەك تەنھەرىكىتى رايونى، سۇغا ئالاقىدار پائالىيەت رايونى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونى، قۇياش نۇرى ئىستراھەت رايونى قاتارلىق سەككىز چوڭ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى مەزمۇنى كۆپ خىل، ئىقتىدارى تولۇق، ئېكولوگىيەسى ياخشى، مۇھىتى گۈزەل يېشىللىق ساياھەت، دەم ئېلىش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېشىللىق ئىچىدە سەيلە قىلىش، ئىستراھەت، تەنھەرىكەت، كۆڭۈل ئېچىش، ساقلىق ساقلاش، ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.

  ساۋەن ناھىيەسى مەدەنىيەت مەيدانى شەھەر رايونىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسلىق دەم ئېلىش، ئىستراھەت، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ئاساسلىق قۇرۇلۇش خاسلىقى قىلغان نىسبەتەن چوڭ تىپتىكى مەيدان ھېسابلىنىدۇ، ناھىيەدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى ئىستراھەت، كۆڭۈل ئېچىشتىكى ئاممىۋى بوشلۇق ۋە مەدەنىي پائالىيەت سورۇنى بىلەن تەمىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى