تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارار»نى بېسىپ تارقاتتى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارار»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارار»نى بېسىپ تارقاتتى.

«قارار»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار مائارىپ فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي مەكتەپ مائارىپى، قىسىملارنىڭ مەشىق ئەمەلىيىتى، ھەربىي ئىشلار كەسپىي مائارىپىدىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىغا ماس كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن زور بىر تۈركۈم يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«قارار»دا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشتە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش زىچ چۆرىدىلىپ، يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى لايىھەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش يېتەكچى، ھەربىي مەكتەپ مائارىپى، قىسىملارنىڭ مەشىق ئەمەلىيىتى، ھەربىي ئىشلار كەسپىي مائارىپىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش مۇھىم نۇقتا، سىياسەت، تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇش تىرەك قىلىنىپ، يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، كۈچەش مۇھىم نۇقتىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش، پۈتۈن مۇساپىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئاساس بىلەن تەمىنلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.