تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دالىنى دەرسخانا قىلىش زېمىنغا ماقالە يېزىش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تارىم داشۆ ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېڭ جو

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بۇرچنى ئادا قىلىمىز!» 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تارىم داشۆ ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ شۆۋېينىڭ بىر ئۇچۇرى ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى.

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى تەقدىرلەش يىغىنى ۋە ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، تارىم داشۆ ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنى مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

تارىم داشۆ چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق، دېھقان - چارۋىچىلارغا ناھايىتى يېقىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ناھايىتى يېقىن. شۆيۈەندىكى توققۇز كوللېكتىپ، 38 پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى يىل بويى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تىنىم تاپماي خىزمەت قىلىپ، باغ - ئورمان، كېۋەز ساھەسىدىكى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى.

پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلىدى

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، بىڭتۇەن 1 - شى 12 - تۇەن 10 - ليەنىنىڭ ئىشچىسى گاۋ يۈەنچيۇڭنىڭ نەشپۈتزارلىقىدا، ساپسېرىق نەشپۈتلەر يەشىكلەرگە قاچىلىنىپ توشۇلۇۋاتاتتى. بۇ يىل گاۋ يۈەنچيۇڭ تارىم داشۆ تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېڭىچە چاڭلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللاندى، نەشپۈتلەر ئەتلىك، تەكشى بولۇپ، ھوسۇلى %30كە يېقىن ئاشتى.

«جەنۇبىي شىنجاڭ قانداق تېخنىكىغا ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنداق تېخنىكىنى تەتقىق قىلدۇق، جەنۇبىي شىنجاڭ قانداق پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنداق نەتىجىنى ئايلاندۇردۇق.» جياڭ شۆۋېي مۇنداق دېدى: شۆيۈەن نەشپۈت، كېۋەز، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق توققۇز كوللېكتىپنى تەشكىللەپ قۇردى، بىڭتۇەن دەرىجىلىك ئالتە نەپەر، مەكتەپ دەرىجىلىك 32 نەپەر پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى يىل بويى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 13 ناھىيە - شەھەر، تۆت شى - شەھەردىكى 27 تۇەن - مەيداننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە تىنىم تاپماي خىزمەت قىلدى ھەم پەن - تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن ئالتىنى قۇردى.

ياردەم بېرىش - يۆلەش جەريانىدا، كۆپلىگەن پەن سەرخىللىرى تالانتىنى نامايان قىلدى. شۆيۈەندىكى دۇ خۇڭبىن قاتارلىق ئۈچەيلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس تۈرىدە چوڭ تۆھپە يېزىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ نيۇ جيەنلۇڭ مەكىت ناھىيەسىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە، شۆيۈەندىكى مۇتەخەسسىسلەرنى 26 ئادەم قېتىم كەنتكە كېلىپ پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، كېۋەز يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى ۋە چىلان يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلدى؛ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى مۇلازىمەت كوللېكتىپىدىكى ليۇ يىفېي كارخانا بىلەن بىرلىشىپ قۇملۇق، چۆل - باياۋاندىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە سۇ - ئوغۇتنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى ھەم ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىپ، كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق «نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش» ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

مەۋقەنى ئۇزاققىچە ئەقىل جەھەتتە يۆلەشكە قويۇپ، نامراتلىق يىلتىزىنى ئۈزۈپ تاشلاش

ئالدىنقى مەزگىلدە، ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنى گۇما ناھىيەسى دېھقانچىلىق مەيدانىغا خادىم ئەۋەتىپ، 90 كۈنلۈك ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ مەزگىلدە جەمئىي 30 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە 10 مىڭ 200 ئادەم قېتىم مۇلازىمەت قىلدى، 21 مىڭ مو باغ - ئورمان پەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى ياردەم بېرىش - يۆلەش بۇ شۆيۈەننىڭ تېخنىكا يېتەكچىلىكىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى، خالاس. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا، شۆيۈەن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق چەت - ياقا نامرات رايونلارغا كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى قەرەللىك ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىشتە چىڭ تۇرغان، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» «غەربىي قىسىم پىلانى» پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۆيۈەندىكى جەنۇبىي شىنجاڭغا پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلغان جەمئىي 800دىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ئاساسىي قاتلامدا قېلىپ خىزمەت قىلدى.

تەربىيەلەش جەھەتتە، شۆيۈەن دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئېتىز بېشى دەرسخانىسى» بىلەن تەمىنلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. 2019 - يىلى، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىدا، پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت كوللېكتىپى ھەرقايسى ليەننىڭ «ئىككى كومىتېت»ى ھەم كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە مۇلازىمەت گۇرۇپپىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا دېھقانلارغا نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىپ، «دېھقان ئائىلىسى+ تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان تەرەپ + كارخانا»دىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ قاتناشقان، ليەن «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كېڭىشى ئورتاق نازارەت قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش كاپالەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىشنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى يوۋ لياڭيىڭ «مامكاپ باغچىسى» قۇرۇپ دېھقانلارغا ياردەم بەردى، شۆيۈەن كۈچ ئاجرىتىپ يوۋ لياڭيىڭنىڭ ۋەننۇڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئەمەلىيەت ھەرىكىتى بازىسى قۇردى، مۇتەخەسسىسلەر پەن - تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرى ھەم قابىللارغا ئۆگىتىدىغان، پەن - تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىلىرى ھەم قابىللار ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئۆگىتىدىغان «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» شەكلى ئارقىلىق، يەرلىكلەشكەن تېخنىكا كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش

«ئىلمىي ماقالىنى كەڭ زېمىنغا يېزىش، تېخنىكىنى تۇپراقتا يېتىشتۈرۈش»، بۇ، تارىم داشۆ ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەنئەنە. شۆيۈەندىكى ھەرقايسى شىلار «بىر تەرەپتىن تېرىقچىلىق قىلىش، بىر تەرەپتىن ئوقۇش» ئاساسىدا سىجىل كۈچەپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان، ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ ئەندىزىدە يېڭىلىق ياراتتى.

شۆيۈەن «يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى» «ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىشلەپچىقىرىش پىراكتىكىسى +نامراتلىقتا ياردەم بېرىپ، يۆلەيدىغان ناھىيە، تۇەنلەر» قاتارلىق ئەندىزىلەرنى تاللاپ قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، شۆيۈەن جەمئىيەت ئۈچۈن يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئىختىساسلىقلىرىدىن 10 مىڭ 616نى تەربىيەلەپ بەردى، ئۇلارنىڭ %68.5ى جەنۇبىي شىنجاڭدا قېپقالدى.

دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شۆيۈەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى دەرسخانىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش ئىمتىھان مەيدانى قىلدى. «مەسىلەن، باغۋەنچىلىك كەسپىدە ياز، قىش ئىككى پەسىلدە چاتاش پىراكتىكىسىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئەتىياز، كۈز ئىككى پەسىلدە ئىشلەپچىقىرىش پىراكتىكىسىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز.» جياڭ شۆۋېي مۇنداق دېدى: بىز ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە مەشىقلەندۈرۈپ تېخنىكا ئۆگىتىمىز، ئاندىن ئېتىز ۋە باغلارغا بېرىپ قول سېلىپ ئىشلەشكە يېتەكلەيمىز.

بۇنىڭدىن باشقا، شۆيۈەن پارتىيە كومىتېتى يەنە يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش - يۆلەش جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان جەمئىي 30 كىچىك ئەترەتتىكى 570 ئادەم «مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك پەنلىرى ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە ئەمەلىيەت ھەرىكىتى»گە چوڭقۇر قاتنىشىپ، 21 نامرات كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمدەم بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى