تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ «باھار ھېكايىسى»نى داۋاملىق يازايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

40 يىللىق قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالاھىدە رايون قۇرغۇچىلىرىنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئامما قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھى، «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ «باھار ھېكايىسى»نى داۋاملىق يېزىپ، تىرىشىپ دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىشى كېرەك!

«ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا مۇقەددىمە». شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىدە ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ياراتتى، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلىدى، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. جەزمەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، قەلبىگە ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى پۈكۈپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دولقۇننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى، بولۇپمۇ شېنجېن يېڭى دەۋردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسىيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بۇرچنى ئادا قىلىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

«بۆسۈپ ئۆتۈش» روھىنى مەڭگۈ ساقلاشتا، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەيسەرلىكنى، پىداكارلىقنى ساقلاش كېرەك. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن دەل مۇشۇنداق بىرلا غەيرەت قىلىش كۈچى ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ، ئىدىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتتا مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئارقىدا قالغان چېگرا رايوندىكى بىر كىچىك بازاردىن يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىنىڭ جۇڭگو زېمىنىنى قاپلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىسلاھات يەنە بىر يېڭى تارىخىي پەيتكە كەلدى، كۆپىنچىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى مەسىلىلەر بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، مۈشكۈللۈك دەرىجىسى 40 يىل ئىلگىرىكىدىن قېلىشمايدۇ. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللەت روھى ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىش، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىش، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتەك ئالاھىدە رايون روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى «بوز يەر ئاچقۇچى كالا» بولۇپ، داۋاملىق تۈردە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن يول تېپىش، يول ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

«يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتىنى مەڭگۈ ساقلاشتا، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئىجاد قىلىشنى بىر خىل نورمال ھالەت قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك تەلىپى يېڭىلىق يارىتىش» دەپ تەكىتلىدى. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار بىر قاتار ئىدىيە جەھەتتە، ئەمەلىيەت جەھەتتە ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشلامچى بولدى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇساپىدە، باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزگىچە مەنزىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا يەنىلا نۇرغۇن مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، نۇرغۇن يېڭى ساھەلەردە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر، ئىسلاھات نۇرغۇن ساھەلەردە «ئادەمسىز رايون»غا بۆسۈپ كىردى، خەلق ئاممىسىنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ماھىيىتىنى بىلىپ، ئىزدىنىش جەريانىدا قانۇنىيەتنى تېپىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرۈش، يېڭى تونۇشلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى لايىھەلەرنى تەقدىم قىلىش كېرەك.

«ئىشلەش» ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاشتا، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەيدىغان بولۇش، مىخ قېقىش روھى بولۇش كېرەك. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دېگەن ئېتىقادنى، باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت بولۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، داۋان ئېشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان بېسىم تۇيغۇسى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەيدىغان مۇھىتنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ يېڭىلىققا ئىنتىلىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە يار - يۆلەك بولۇپ، ئىش قىلغۇچىلارغا مەدەت بېرىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن ئىسلاھاتنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا، ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىدارلىقلار چىقىدىغان، مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتلىنىدىغان، ئىقتىدارسىزلار چۈشۈرۈۋېتىلىدىغان، ناچارلار شاللىۋېتىلىدىغان توغرا يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھ قىلغۇچىلار ئۈچۈن مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغۇچىلار ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە غەيرىتىنى قوزغىتىش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، بىلىم قارىشىنى يېڭىلاپ، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەتنى ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، ئىش بېجىرىپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇپ، پۇختا قەدەم - باسقۇچلۇق جەڭ قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر تاغدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر چوققىغا يامىشىپ، بىر جىلغىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر ياردىن ھالقىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

بىز ئىستىقبالى پارلاق يېڭى دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز، شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى قەتئىي بوشاشماي تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى