10-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ماناس ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنئاۋ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، خىزمەتچى خادىملار قويلارغا ۋاكسىنا ئۇرماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1989-يىلى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى دۇنياغا داڭلىق گۆش قويى سورتى ساففوكنى كىرگۈزدى، ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز نەسلى ئىچىدىن تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە يېڭى تەبىئىي شارائىتقا كۆندۈرۈشتىن ئىبارەت نەسىل يېتىشتۈرۈش يولىدا چىڭ تۇردى. بىر تۈركۈم يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىغا تايىنىپ، شۇ جاي ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى ئۈزلۈكسىز بىرىكتۈرۈپ، شىركەت، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقان ئائىلىسى ۋە بازىدىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدە» ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، نەسىللىك قوي ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇش جەھەتتە مول تەجرىبىلەرنى توپلاپ، گۆش تۈرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق سودا «شەرق شامىلى»نىڭ ياردىمىدە، شۇ جاي ئالىي دەرىجىلىك قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى بازارلارغا ئۈزلۈكسىز يۈزلەندۈردى، ھەم ئالاقىدار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە ئېتىراپنامىسىنى تاماملىدى، دېھقان-چارۋىچىلار بۇنىڭ بىلەن كىرىمىنى ئاشۇرۇش «تېز پويىزى»غا چىقتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى
10-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ماناس ناھىيەسىگە جايلاشقان رىفا شىنشىيۈ ماناس چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار قويلارغا يەم-خەشەك بەرمەكتە.