تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يىرېن چىلان سۈيى داغ چۈشۈرىدۇ

يۈزىگە داغ چۈشكەن ياكى تۇغۇتتىن كېيىن چىرايى خۈنۈكلەشكەن ھەمدە نىپاس خۈنى توختىمىغان ئاياللار نىلۇپەر مېغىزى چىلان سۈيىنى دائىم ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا: خام يىرېندىن 100 گىرام، چىلاندىن (ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ) 12 دانە،خام يىرېننى سۇدا يۇيۇپ، تۆت چىنە سۇغا سېلىپ قاينىتىمىز، ئاندىن چىلاننى سېلىپ، كىچىك ئوتتا 45 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن ئىچسەك بولىدۇ. رېتسىپتا مۇنداق خاتىرلەنگەن: چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىيىتى مۆتىدىل بولغانلىقتىن، تالنى قۇۋۋەتلەپ، ئاشقازاننى ئاسراپ، بەدەننى ۋە قاننى قۇۋۋەتلەپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. يىرېن سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ. ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، داغ چۈشۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى: بەدىنى قۇرۇق ئىسسىق ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە چىلان سۈيى ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ؛ قورسىقى كۆپىدىغانلار چىلان سۈيى ئىچسە، قورساق كۆپۈش بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ؛ چىلاننىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغانلىقتىن، دىيابىت كېسەل بىمارلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ، بولمىسا قاندىكى قەنت مىقدارى ئېشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى يامانلىشىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، چىلان گەرچە دائىم يېيىشكە ماس كەلسىمۇ، لېكىن زىيادە يېيىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ھەزىم قىلىش فۇنكىسىيەسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى