تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قۇملۇقتا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە 300 نەچچە ماھىر قۇملۇقتىكى مۇسابىقە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار نيۇ يۈمېڭ، خەي چاۋ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 5G لوڭقىسى» ئېرسۇنئۇرا قۇملۇقتا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باغراش ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى ئېرسۇنئۇرا قۇملۇقىدا باشلاندى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300 نەچچە ماھىر قۇملۇقتىكى مۇسابىقە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.

300 نەچچە ماھىر تۇتاش كەتكەن قۇملۇقتا مۇسابىقە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.(ئىختىيارىي مۇخبىر خەي چاۋ فوتوسى)

  بۇ قېتىمقى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇساپىسى 15 كىلومېتىر بولۇپ، ئەر، ئايال گۇرۇپپىسى بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى. كۆز يەتكۈسىز قۇملۇقتا يۈگۈرۈش ماھىرلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى سىنىدى.

  باغراش ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گوۋ شيۇجۈن مۇنداق دېدى: «<ساياھەت + تەنتەربىيە> ئەندىزىسى ئەسلىدىكى نۇقۇل سەيلە-ساياھەتلا قىلىشنى تەنھەرىكەتنى ھېس قىلىشنى ئاساس قىلغان پائالىيەتكە ئايلاندۇردى، مەسىلەن: مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، سۇ ئۈستىدە ۋېلسىپىت مىنىش، قۇملۇق دالا مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرى ساياھەتچىلەرگە ھەربىر قېتىم ئوخشاش بولمىغان تۇيغۇلارنى بېغىشلايدۇ. شۇڭا، <تەنتەربىيە + ساياھەت> ئەندىزىسى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، يەرلىككە ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي پايدا ۋە جەمئىيەت پايدىسى ئېلىپ كېلىدۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى مول تەبىئىي بايلىقى، قويۇق تارىخىي مەدەنىيىتى، خاس مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە تايىنىپ، مۇسابىقە ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت بايلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بايلىق خاسلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، چوڭ تىپتىكى مۇسابىقە قاتارلىق تەشۋىقات سۇپىلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، باغراشنىڭ ساياھەتتىكى خاسلىقى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىنى ھەرتەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، تۈرلۈك خاس تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ۋاسىتە، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ چېنىقىش پائالىيەتلىرىنى تايانچ قىلغان تەنتەربىيە تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، ئېكولوگىيە ئىستراھىتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى سەيلە-ساياھىتى، يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، باغراش كۆلىنى ئايلىنىش ۋېلسىپىت مۇسابىقىسى قاتارلىق ئېسىل ساياھەت ماركىلىرى ۋە ساياھەت لىنىيەلىرىنى نۇقتىلىق ئېچىپ، زور بىر تۈركۈم مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى، «غىزالىنىش، قونالغۇ، يول يۈرۈش»تىن «ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»قىچە، يەنە «تەنھەرىكەت، چېنىقىش، ئۆگىنىش»كىچە، بارغانسېرى كۆپ ساياھەتچى باغراش كۆلى ساياھىتىدە تەنتەربىيە ئامىللىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، ئۇلار تەنتەربىيە ھەرىكىتى، ئۆرپ-ئادەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، شۇ جاينىڭ خاس يەرلىك ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، باغراش ناھىيەسىنىڭ «تەنتەربىيە + ساياھەت» ئەندىزىسى بىر خىل يېڭى ئىستراھەت شەكلى سۈپىتىدە ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈندە، باغراشنىڭ خاس «داڭلىق ماركلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىسى +» ئەندىزىسى باغراش ناھىيەسىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىشتىكى يارقىن ماركىغا ئايلانغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى