بۇ يىل، غۇلجا ناھىيەسى ۋۇگۇڭ يېزىسى ۋۇگۇڭ كەنتىدىكى دېھقان شېن گوسەي شەندۇڭدىن سىناق تەرىقىسىدە توخۇ يۈرىكىسىمان مېۋىنى كىرگۈزۈپ، سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ مول ھوسۇل ئالدى.
«بۇ مېۋىنىڭ دانىسى كىچىك، تەمى چۈچۈمەل ھەم تاتلىق، قەنت تەركىبى %21كە يېتىدۇ، مو بېشى مەھسۇلاتى 3 توننىغا يېقىنلىشىدۇ، ھەر كىلوگىرامىنى 15 يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ» دېدى شېن گوسەي.
بۇ مېۋە يەنە چىرايلىق تاشئالما دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئوتتۇرىچە يەككە مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى 60 گىرام كېلىدۇ، مېۋىسىنىڭ ئۈستى چوڭ، ئاستى كىچىك بولۇپ، شەكلى توخۇ يۈرىكىگە ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ساقلاشقا چىداملىق، جۇغى كىچىك بولغاچقا، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
كۆپ يىللىق مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە شېن گوسەي بۇ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، 2017-يىلى كۈزدە 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەندۇڭدىن 900 تۈپ توخۇ يۈرىكىسىمان مېۋە كۆچىتىنى كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ ئۆستۈردى، يەنە شەندۇڭدىن تېخنىكلارنى شىنجاڭغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۈچ يىل كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ھەم 9-ئايدىن باشلاپ ھوسۇل ئېلىندى، مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى
(غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن چېن يۇڭمېي، ما لىڭيەن)