تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن يېڭى بىر تۈركۈمدىكى 275 نەپەر ئوقۇتقۇچى خوتەنگە يېتىپ كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 16-،17-كۈنلىرى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 10-تۈركۈم 1-قاراردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن خوتەنگە يېتىپ كېلىپ، ئىككى يىللىق «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» بويىچە مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى. يېڭى بىر تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى جەمئىي 275 نەپەر بولۇپ، ئۇلار بېيجىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە ۋە بىڭتۇەن 14-شىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، شۇ جاي مائارىپىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  يېڭى بىر تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ياردەمگە ئېرىشكەن جاينىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش، پەن-تەتقىقات ساھەسىدە قىس بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم ياردەمگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدا «تونۇش چىراي»لارمۇ ئاز ئەمەس. بېيجىڭ شەھەرلىك 10ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ جېڭپىڭ 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يىل ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، يەنە بىر قېتىم خوتەنگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. «بۇ قېتىم خوتەندىكى بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم، ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ ئارزۇيۇمنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى كەلدىم.»

  ۋاڭ جېڭپىڭ مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگىنىمدە پەقەت بىر يىللا ئىدى، ۋاقىت قىسقا، ۋەزىپە جىددىي، ھەمىشە ئۆزۈمنى جايىدا قىلالمىغان يەرلىرىم باردەك ھېس قىلغانىدىم. بۇ قېتىم مەن بىر خىل مۇھەببەت بىلەن بۇ يەرگە كەلدىم، بۇ يەرگە 2-يۇرتۇمغا بولغان مۇھەببىتىمنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا بولغان ئەقىدەمنى ئېلىپ كەلدىم، خوتۇنۇم بىلەن بىرلىكتە بۇ يەردىكى بالىلارغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى فۇلى تاۋيۈەن يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ لېيمىڭ «95ـ يىللاردا تۇغۇلغان»، ئۇ شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىك ئوقۇتقۇچى. 1998-يىلى تۇغۇلغان ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنىغا ئانچە ئۇۇزن بولمىغانىدى، ئۇ مەكتەپنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئاڭلاپ ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى. ۋاڭ لېيمىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «جاپالىق مۇھىت ئادەمنى تاۋلايدۇ، ۋەتەن ئېھتىياجلىق جايدا چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشنى خالايمەن. بۇ يەردىكى كەچۈرمىشلەر مېنىڭ ھاياتىمدىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپ قالىدۇ، مۇشۇنداق كەچۈرمىشىم بولسىلا، نەگىلا بارسام تالانتىمنى جارى قىلدۇرالايمەن.»

  خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان 23 يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان بىر قاتار مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، بېيجىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە ۋە بىڭتۇەن 14-شىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چۈەن جى مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ شەھىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پايتەخت مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بىلەن ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش شۇنداقلا خوتەننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.»

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان بۇ 275 نەپەر ئوقۇتقۇچى خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومى، خوتەن تېخنىك شۆيۈەنى، خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ھەم بىڭتۇەن 14-شىسىدىكى ئالاقىدار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» بويىچە مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  (مۇخبىر ۋاڭ چىپېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى