تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتوموبىل سانائىتى تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، تۇنجى 2021 نۇسخىدىكى GS4 تىپلىق يولۇچى ئاپتوموبىلى گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى شىنجاڭ زاۋۇتىدا رەسمىي تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلدى. شۇ كۈنگىچە، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى شىنجاڭ زاۋۇتى يىللىق ئىشلەپچىقارغان يولۇچى ئاپتوموبىلى جەمئىي 3145كە، مەھسۇلات قىممىتى 358 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى شىنجاڭ زاۋۇتى بۇ يىل 90 كۈن ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتى. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، دەخلىگە ئۇچرىغان ۋەزىپىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن 5000 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچى ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن گۇيدۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللار غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئۈزلۈكسىز توشۇلۇۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

ئوخشاشلا، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى باش قۇراشتۇرۇش سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، ئىشچىلار ئاپتوماتىك كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل ۋە شېغىل - توپا توشۇش ئاپتوموبىلىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، بۇ شىركەت جەمئىي 4285 ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشۇردى، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى. شىركەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جيەنچياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل شىركەت يىلىغا 5500 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، يىلىغا 6000 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.» بۇ شىركەت شىنجاڭدىكى تۇنجى پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، 2012 - يىلى 4 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، جەمئىي 23 مىڭ 700 ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقىرىپ سېتىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 7 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتوموبىل سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچى ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شاڭخەي داجۇڭ(شىنجاڭ) ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، دۇڭفېڭ سودا ئاپتوموبىلى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 11 ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، مەخسۇس ئاپتوموبىل، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە ئاساسىي تىپتىكى پىكاپنى قاپلىدى. بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى شىنجاڭغا ماكانلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پولات - تۆمۈر، بالون، سىلىقلاش مېيى قاتارلىق ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىدىكى يانداش كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

شۇاڭچيەن گۇرۇھى (شىنجاڭ) كوئېنلۇن بالون چەكلىك شىركىتى شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنى بالون بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۈرۈشلۈك بالوندىن 30 مىڭنى ئىشلەپچىقاردى، بۇ، 2019 - يىلىدىكى مال تەمىنلەش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتتى. شىنجاڭ فۇكې نېفىت مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتى سىلىقلاش ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا بولۇپ، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى، دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، موتور مېيى، چىشلىق چاق مېيى قاتارلىق ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان سىلىقلاش مېيى مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى، سېتىش سوممىسى كارخانىنىڭ پۈتۈن يىللىق سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %10ىنى ئىگىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەبىئىي گاز ئاپتوموبىلى، توكلۇق ئاپتوموبىل ھەمدە باشقا پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى ھەم يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، تاكسى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىشىنى پائال كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپ سىستېمىسى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى ئېنېرگىيەلىك پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاچقۇچلۇق زاپچاسلارنى ياساش بازىسى بەرپا قىلدى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، جەمئىي 4 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان كۈيتۈن شەھىرى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ بازا پۈتكەندىن كېيىن ھەر يىلى يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن 1000نى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك مەخسۇس ئاپتوموبىلدىن 3000نى ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلات قىممىتىنى 2 مىليارد 150 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يېڭىدىن 700 ئىش ئورنى كۆپەيتىدۇ. بۇ تۈرنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى 12 - ئايدا تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى جابدۇق سانائىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ شياۋچۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ يېڭى ئاپتوموبىل تىپى كىرگۈزۈش، مەھسۇلات تۈرى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئاپتوموبىل مەھسۇلاتلىرىنى چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بازار بوشلۇقى ئاچىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل كەسپىنى توپلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەرلىكنىڭ يانداش كەسىپلەر قۇرۇلۇشىغا ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى