تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى ۋېنجياجۇاڭ كەنتىدە، پاختىكارلار پاختا يىغىش ماشىنىسىدا ئاپتوماتىك تايلانغان پاختا بولىقىنى تەكشۈرمەكتە. ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى كەڭ كۆلەمدە پاختا تېرىش مەزگىلىگە كىردى. شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىدە، 830 مىڭ مو يەردىكى كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، پاختىكارلار پاختا يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پاختا زاۋۇتىدا ئاپتوموبىللار ئالدىراش كىرىپ-چىقىپ، ئالدىراشلىق مەنزىرىسى نامايان بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى ماشىنىدا پاختا يىغىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتتى ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، شارائىتى بار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىنى چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە پاختا يىغىش ماشىنىسىدىن جەمئىي 221ى بار بولۇپ، پاختا يىغىش خىزمىتىنىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئاياغلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى)

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى ۋېنجياجۇاڭ كەنتىدە، پاختا يىغىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا. (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت)

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى ۋېنجياجۇاڭ كەنتىدە، پاختىكارلار كېۋەزلىكتە پاختا يىغىش ماشىنىسىدا پاختا يىغماقتا.

بۇ، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى ۋېنجياجۇاڭ كەنتىدىكى بىر كېۋەزلىك (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

10-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرىدىكى پاختا زاۋۇتىدا، ئىشچىلار پاختا زاۋۇتى سېخىدا ئالدىراش بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى