تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دېڭىز يۈزىدىن 2073 مېتىر ئېگىزلىكتە، 2020-يىللىق سايرام كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر خۇاڭ شىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2020-يىللىق سايرام كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى. بۇ مۇسابىقە سايرام كۆلى يېپىق ھالقىلىق تاشيولىدا ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

  سايرام كۆلى يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2073 مېتىر كېلىدۇ، قۇياش نۇرى ئاستىدا شامالغا ئەگىشىپ تەۋرىنىۋاتقان كۆل سۈيى دولقۇنى ھەرخىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. بۇ يەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋېلسىپىت ھەۋەسكارلىرىنى ھەرقېتىم بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى تاشيول ۋېلسىپىتى ساھەسىدە، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش ۋېلسىپىت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش بىر خىل ئېقىمغا ئايلانغان. 2016-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تىيانشاننى ئايلىنىش دالا مۇسابىقىسى سايرام كۆلىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 2018-يىلىدىن باشلاپ، سايرام كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، بىر قاتار مۇسابىقىلەر سايرام كۆلىدە «ساياھەت + تەنتەربىيە»نىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ياخشى ئاساس سالغان.

  بۇ يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 24.8 كىلومېتىر تاشيولى پۈتكەن، سايرام كۆلى ئاخىرى يېپىق ھالقىلىق بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، كۆل يولىنى ئايلىنىش ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە نەچچە مېتىر كەڭلىكتىكى كۆلنى ئايلىنىش پىيادىلەر يۈگۈرۈش يولى ۋە ۋېلسىپىت يولى تەسىس قىلىنغان. بۇ قېتىمقى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى دەل مۇشۇ يېڭىدىن ياسالغان تاشيولدا ئۆتكۈزۈلگەن.

  بۇ قېتىمقى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە پۈتۈن مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، شادىمان ساغلاملىق يۈگۈرۈش پائالىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈر تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە 75 كىشى، يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە 174 كىشى، شادىمان ساغلاملىق يۈگۈرۈش پائالىيىتىگە 49 كىشى قاتناشقان، نەق مەيداندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن شادىمان ساغلاملىق يۈگۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ساياھەتچىدىن 207 كىشى بار.

  سايرام كۆلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيەنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرە رايون مۇھىتى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرغان. مەنزىرا رايونىدا پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، توكلۇق ئارىلىق ئاپتوموبىلى، يەلكەنلىك كېمە، توكلۇق SUV، توك بىلەن ئىسسىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە «نۆل قويۇپ بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان. ھازىر، كۆل ئايلانمىسىدا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئەسلىگە كەلگەن كۆلەم 630 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى