تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«23 كۈن بالنىستتا ياتتىم، ياڭ مۇئەللىم كۈندە ھالىمدىن خەۋەر ئالدى»

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا

  10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىككى ئايدىن كۆپرەك داۋالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئەشرەپ مەمەت دەرسخانىغا قايتىپ كەلدى. «ئەزەلدىن دەرسكە بۇنداق تەلپۈنۈپ باقمىغانىدىم، مۇئەللىم بىلەن ساۋاقداشلىرىمنى، بولۇپمۇ ياڭ مۇئەللىمنى سېغىندىم» دېدى ئەشرەپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئەشرەپ ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ساياھەت شۆيۈەنىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ئۇنىڭ مەكتەپكە كېچىكىپ قايتىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن كېسەللىك سەۋەبىدىن بولغان، شۇنداقلا بۇ كېسەللىك ئەشرەپ بىلەن ياڭ دېشىن مۇئەللىمنىڭ ئارىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىق مۇھەببىتىدىن ھالقىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى شەكىللەندۈرگەن.

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەشرەپنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى كېچىلەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى ھەمدە ئوپېراتسىيە قىلغۇزدى. «ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ھوشۇمغا كەلگەن شۇ دەقىقىدە، كۆرگەن تۇنجى ئادىمىم ياڭ مۇئەللىم بولۇپ، خۇددى ئائىلەمدىكىلەر يېنىمدا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم، قەلبىم ناھايىتى ئىللىقلىققا تولدى» دېدى ئەشرەپ ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.

  ياللۇغلىنىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭ قورساق بوشلۇقىنىڭ كۆپ يېرىدە يىرىڭلاش كۆرۈلۈپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بەدىنىگە ئۈچ تال ئاققۇزۇش نەيچىسى سانجىلغانىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىدى. ئەشرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ساياھەت شۆيۈەنى تېخنىكا پەنلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ دېشىن ئۇنىڭ ۋاقىتلىق ئائىلە باشلىقى بولۇپ، تاماق يېگۈزۈش، بەدىنىنى سۈرتۈش، چېچىنى يۇيۇش، تىرنىقىنى ئېلىش، ئىچ كىيىمىنى يۇيۇش... قاتارلىق ئىشلىرىنى قىلدى، ياڭ دېشىننىڭ ھەر كۈنى كېسەل كارىۋىتى ئەتراپىدا، كىر يۇيۇش ئۆيىدە ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەشرەپ بىر كۈنى سەھەر سائەت 5:00تە ئويغىنىپ، ياڭ دېشىننىڭ تېخىچە كېسەل كارىۋىتى ئالدىدا تۇرۇپ ئاسما ئوكۇلغا قاراۋاتقانلىقىنى كۆردى. «ياڭ مۇئەللىم دادام بىلەن تەڭ دېمەتلىك، ئۇنىڭ ھارغىن چىرايىنى كۆرۈپ، ئىچىم بەك ئېچىشتى، شۇ چاغدا پەقەت تېزراق ساقىيىشنىلا ئويلىغان ئىدىم» دېدى ئەشرەپ.

  «ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دەسلەپكى ئۈچ كۈندە كارىۋاتتىن چۈشۈشۈممۇ ناھايىتى قىيىن بولدى، ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ياڭ مۇئەللىم مېنىڭ كارىۋات يارىسى بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، ھەر ئىككى سائەتتە بىر بەدىنىمنى ئۆرۈپ، سۈرتۈپ قويدى، ھەممە ئىشتا مېنى ئويلىدى. بالنىستتا 23 كۈن ياتتىم، ياڭ مۇئەللىم ھەر كۈنى يېنىمدا تۇرۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، دوختۇر-سېستىرالار ۋە باشقا ئاغرىقلار ئۇنى مېنىڭ ئۆيىدىكىلىرى، دەپ چۈشەندى» دېدى ئەشرەپ.

  ئەشرەپنىڭ ئۆيى پىچان ناھىيەسىدە بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، ئۇنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى ۋە شۆيۈەن 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن داۋالىنىش خىراجىتىنى ئىئانە يىغىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

  دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدىمۇ، ياڭ دېشىن ھەر ۋاقىت ئەشرەپكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر كۈنى تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ ۋاقتىدا دورا يېيىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى سوراپ تۇردى. «ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، بىز ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھېسابلىنىمىز، ئەشرەپنىڭ ساقىيىپ مەكتەپكە ساغلام قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم» دېدى ياڭ دېشىن.

  ئەشرەپ مۇنداق دېدى: ئىللىق بىر چوڭ ئائىلىدە ياشاۋاتىمەن، مەن بەك تەلەيلىك ھەم بەختلىك. بۇ يازلىق تەتىلنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. ياڭ مۇئەللىم ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئارقىلىق جانلىق دەرس ئۆتتى، مەنمۇ ياڭ مۇئەللىمگە ئوخشاش مېھرىبان ھەم ئىللىق ئادەم بولۇپ، باشقىلارغا مۇھەببەت ۋە ئۈمىد بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى