تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار ساۋ خۇا، لۈ يىخەن خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرلار قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى غۇلجا باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ سىمېي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ئۆي ئاپتوموبىل جىددىي ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان، ئىشچىلار ئۆي ئاپتوموبىلنىڭ زاپچاسلىرىنى جىددىي قۇراشتۇرۇۋاتقان ۋە پۈتۈن ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارىنى سىناۋاتقان، يىپيېڭى ئۆي ئاپتوموبىللار زاۋۇتتىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان مەنزىرىنى كۆردى.
«بۇ يىل بىز 300 ئۆي ئاپتوموبىلنى پۈتكۈزدۇق ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈردۇق، بۇنىڭ بىلەن پەقەت 10 ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، بىزنىڭ ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىدى، نىشاننى بالدۇرراق تاماملاش ئۈچۈن، بىز يەنە ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، كېلەر يىللىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە پائال تەييارلىق قىلىپ، <شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسى ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى ئايلانما لىنىيە ساياھىتى> قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر تاماملاپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك جانلىنىشىغا تۆھپە قوشىمىز» دېدى شىنجاڭ سىمىي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ شۇ.
شىنجاڭ سىمېي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى كەسىپلەشكەن، مەخسۇس يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئۆي ئاپتوموبىلى، ئېنېرگىيە باتارىيەسى، موتور، ئېلېكتىر كونترول قاتارلىق ئۈچ چوڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش پەن-تېخنىكا كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ. 2018-يىلى كارخانا غۇلجا باغچە رايونىغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، ئۆي ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقىنى ئۆي ئاپتوموبىل ساياھەت كەسىپلىرىگە ئۇزارتىپ، «شىنجاڭ ئىلى دەريا ۋادىسى ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى ئايلانما لىنىيە ساياھىتى» تۈرىنى بەرپا قىلىپ، ئىلى دەريا ۋادىسى ۋە ئىلىغا كىرىپ چىقىدىغان ساياھەت لىنىيەلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردا 30 ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قۇرۇپ، توردا زاكاز قىلىش قاتارلىق قولايلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشتىكى تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرغان، ھازىر بۇ شىركەتنىڭ نىلقا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى ۋە سايرام كۆلىدىكى ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن.
جاڭ شۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئۆي ئاپتوموبىلنى ئۆزى ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان مەنزىرىلىك جاي ھېسابلىنىدۇ. ئۆي ئاپتوموبىل ساياھىتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، قولايلىق، راھەت بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تۇيغۇسى بېرەلەيدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى، ئۆي ئاپتوموبىل ساياھىتى «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى 100 نۇقتىلىق تۈر مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆي ئاپتوموبىل ئېھتىياجى ۋە ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆي ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولغان، ھازىر شىنجاڭ ئىچىدە ئۆي ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن تۆتى، ئۆي ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىسىدىن 10 نەچچىسى بار بولۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك بولغان ئوخشاش بولمىغان تىپ، دەرىجە ۋە ئىقتىداردىكى ئۆي ئاپتوموبىللارنى ياساپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى ۋە لاگېر ئېچىشىنى يېڭى ئەندىزە بىلەن تەمىنلىگەن.