تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] ئىگە-چاقسىز ياشانغان پاتەمخاننىڭ تۇغقانلىرى كۆپ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جىڭ بو): «بالام، بۇ بىر نەچچە كۈندە سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى پەرەز قىلىپ تۇرغان ئىدىم.» 10-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھويلىسىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مارالبېشى ناھىيەسى ئاناركۆل يېزىسى دۆڭمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتەمخان قۇربان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى دىڭ لېينىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز خۇشال بولۇپ كەتتى.

  «بايرام كەلدى، سىزنى كۆرگىلى كەلدىم.» دېدى دىڭ لېي بىر ياقتىن سۆزلىگەچ، بىر ياقتىن قولىدىكى يۆبىڭ، تۇخۇم، گۈرۈچ ۋە سۇ مېيىنى قويۇپ.

  گەپ ئارىلىقىدا، 86 ياشلىق پاتەمخان دىڭ لېينىڭ قولىنى تۇتۇپ قويۇپ بەرمىدى، دىڭ لېي موماينى قولتۇقلاپ ئۆيگە كىردى.

  پاتەمخان كەنتتىكى ئىگە-چاقىسىز ياشانغان بولۇپ، تۇرمۇش شارائىتى نىسبەتەن ناچار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان پەرزەنتلىرى يوق بولغاچقا، روھىي ھالىتى ۋە سالامەتلىكىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. 2018-يىلى دىڭ لېي كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، موماينىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن كېڭىشىپ، موماينى ناھىيەلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە ئاپىرىپ قويدى.

  ئويلىمىغان يەردىن، پاتەمخان ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلمەي، كۆپ قېتىم كەنتكە قايتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەنت مەخسۇس «ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» باش تېما قىلىنغان كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى راخمان تۇردى ئائىلىسىدىكىلەر پاتەمخاننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، پاتەمخاننىڭ «ئوغلى»، «كېلىنى» بار بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىڭ لېيمۇ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانلاشتى.

  پاتەمخاننىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇدىن غەم قىلماسلىقى ئۈچۈن، دىڭ لېينىڭ تەكلىپى بىلەن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئالاقىدار سىياسەتلەر بويىچە، پاتەمخانغا بىر ئېغىز ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردى ھەم بەش مو يەر تەقسىم قىلىپ بەردى، راخمان ئائىلىسىدىكىلەر تېرىقچىلىق قىلىپ، كىرىمىنى موماينى بېقىشقا ئىشلەتتى.

  يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن كۈنى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ياردەمگە كەلدى، پاتەمخاننىڭ ئۆيى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. دىڭ لېي يېڭى يوتقان، يېڭى كۆرپە ۋە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى. ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ-چىقىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىگە قاراپ، پاتەمخاننىڭ چىرايىدا ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن، دىڭ لېي پاتەمخان موماينىڭ سالامەتلىكىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، چىرايىدا كۈلكە كەتمىگەنلىكىنى كۆردى. ھەر قېتىم موماينى كۆرگىلى كەلگەندە، ئۇنىڭ دىڭ لېي بىلەن گېپى تۈگىمەيتتى.

  پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن پاتەمخان بىر قارار چىقىرىپ، ئۆزى باققان ئالتە قوينىڭ ھەممىسىنى سېتىۋەتتى. ئۇ پۇلنى ئېلىپ دىڭ لېينى ئىزدەپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «كەنتنىڭ غەمخورلۇقىدا، ھازىر تۇرمۇشۇم ناھايىتى ياخشى، بۇ پۇللارنى كەنتتىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىگە ئىئانە قىلغۇم بار.»

  بۇ ئىئانە پۇلىنى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، يەنىلا راخماننىڭ ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىشىگە تاپشۇرۇپ، پاتەمخاننى بېقىش فوندى قىلىشنى قارار قىلدى. ئەمما پاتەمخاننىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرى كەنت ئاھالىلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ، كەنتتىكى چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈشتەك مەدەنىي كەيپىياتقا تۈرتكە بولدى.

  دىڭ لېي كۆڭلىدە موماينى ئەسلەپ تۇراتتى، پاتەمخانمۇ دىڭ لېينى ياد ئېتىپ تۇراتتى. ئۇ كۆكتاتلىقىدىن يېڭى كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ، ئىسسىق نان يېقىپ، دىڭ لېيغا ئاپىرىپ بېرەتتى ھەمدە ئۇنىڭغا تاماقنى ۋاقتىدا يەپ، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىشنى تاپىلاپ كېتەتتى.

  پاتەمخان دىڭ لېيغا مۇنداق دېدى: «سىلەر پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىسىلەر، بۇ بەك جاپالىق، مەن پەقەت كىچىككىنە ئىشلارنى قىلىپ، پارتىيە ۋە خىزمەت ئەترىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى