تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەشۋىق قىلىش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - قېتىملىق دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە تەشۋىق قىلىش ۋە تەقدىرلەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، دىققەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2020 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» «ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ <مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش> بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىدىكى ئىلغار پۇقراۋى كارخانىلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، 139 شەخس ھەم 49 كوللېكتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، 81 پۇقراۋى كارخانا «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىدىكى ئىلغار پۇقراۋى كارخانا دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەشۋىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تاماملاش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، جەزمەن سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، تەشۋىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلاپ، ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك ئىدىيە كاپالىتى ۋە ئاممىۋى پىكىر مەدىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىيىتىدە بارلىققا كەلگەن «نەمۇنىلىك ئۈلگە»، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەش كېرەك. ئىجابىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەرلىك خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاخبارات تەشۋىقاتى، ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقاتى، تور تەشۋىقاتى، جەمئىيەت تەشۋىقاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق تارقىتىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەشۋىقات ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سۈپەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا قىسمەن تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جۈرئەت ئىمىن، جاڭ بو، ۋەن خەيچۇەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى