شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، 2020 - يىللىق مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆت شەخس، ئىككى كوللېكتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسى سەرەلە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەلىمجان ئەيساغوجا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، گۇما ناھىيەسى فاڭيۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى زى گۇيشىن ئۆزىنى بېغىشلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى بەشتۈپ كەنتى 2 - گۇرۇپپىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇسالام ياسىن يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 3 - شى تۇمشۇق شەھىرى 51 - تۇەن 9 - ليەنىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1 - شۇجىسى لۇڭ خۇي تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى نامراتلارنى يۆلەش پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى، تارىم داشۆسى ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنى يېڭىلىق يارىتىشقا تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى، تۆھپە مۇكاپاتى، ئۆزىنى بېغىشلاش مۇكاپاتى، يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى، يېڭىلىق يارىتىشقا تەشكىللەش مۇكاپاتىدىن ئىبارەت جەمئىي بەش مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىندى.