تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيەمىزنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئويغىنىشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋردە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىدا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماي، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويماي، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشنىڭ ئېنىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ بىر پۇرسەت ۋە خىرىسقا تولغان دەۋر. پۇرسەتنى تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى يېڭى دەۋرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داۋاملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا چوڭقۇر قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، دۆلەت ئىچى - سىرتى تەرەققىيات مۇھىتىدا يۈزبەرگەن چوڭقۇر مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، بىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا ئۆز ئورنىنى توغرا تاللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بولۇپمۇ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، داۋاملىق دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشتا يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، بۆسۈش قىلىش كېرەك. ئىسلاھات مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىسلاھاتتا تۈز يول يوق. ھازىر، ئىسلاھات يەنە بىر يېڭى تارىخىي پەيتكە قەدەم قويدى، بۇنىڭ كۆپىنچىسى مىسلىسىز يېڭى مەسىلىلەر بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، مۈشكۈللۈك دەرىجىسى 40 يىل ئىلگىرىكىدىن قېلىشمايدۇ، جەزمەن تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل - پاراسەت بىلەن، تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، تېز ھەم پۇختا قەدەم ئېلىپ مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، شېنجېننىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، تىزىملىك بويىچە تۈركۈملەپ ھوقۇق بېرىش شەكلى ئارقىلىق شېنجېنغا مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بېرىشنى قارار قىلىپ، 27 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ۋە تۇنجى تۈركۈمدە ھوقۇق بېرىلگەن 40 تۈرلۈك ئىشنى بىراقلا ئوتتۇرىغا قويدى. شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، توغرا يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ مۇھىم ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئۆرنەك قىلغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان مۇھىم، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پۈتۈن دەۋرىيلىك باشقۇرۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدارە قىلىش يېڭى يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىش كېرەك.

ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك ئارقىدا قالدۇرىدۇ. ھازىر، دۇنيا ئىقتىسادى نۇرغۇن مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، بىز ھەرگىزمۇ قارشى شامال ۋە قايتما دولقۇن تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالماسلىقىمىز، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشىمىز، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمال سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قائىدە، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېگانە گۈل ئاچسا پورەك، بەرمەس باھاردىن دېرەك، تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچقاندا پورەك. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشتىكى 40 يىللىق ئەمەلىيەت دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قاتنىشىشىدىن ئايرىلمايدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بەردى، ئۇلارنى تەرەققىيات مەنپەئىتىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەكلىك ۋە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساقلا، بىز چوقۇم يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا بېسىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى