تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلارنى يۆلەش كارخانىسى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى زى گۇيشىن توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەمدىلا مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن زى گۇيشىن مۇنداق دېدى: «قايتىپ بارسام يەنە نۇرغۇن ئىش مېنىڭ قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، غەيرەت قىلىپ ئىشلىشىم كېرەك!»

بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن زى گۇيشىن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋمى شەھىرىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 2004 - يىلى ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن گۇما ناھىيەسىگە كەلگەن. 16 يىلدىن بۇيان، زى گۇيشىن شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى باشتىن - ئاخىر قېرىندىشىدەك كۆرۈپ كەلدى، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىشىم دەپ بىلىپ، ئۆزىنىڭ زېھنى ۋە ئىللىقلىقىنى تەقدىم قىلدى.

قول سېلىپ ئىشلەپ دېھقانلارغا كۆرسىتىش

− نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش

زى گۇيشىن گۇما ناھىيەسىگە يېڭى كەلگەندە ھەيۋەتلىك قۇملۇق مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولدى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ نامرات تۇرمۇشى ئۇنى ئويغا سالدى. شۇ چاغدا، زى گۇيشىن گۇما ناھىيەسىدە قېلىشقا قەتئىي ئىرادە باغلاپ، ئىشنى پارنىك ياساشتىن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن باشلىدى.

پارنىك ياساش ئىنچىكە ئىش، ياخشى قىلالمىسا، كۆكتات مايسىلىرى توڭلاپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت دېھقان - چارۋىچىلار ئىدى. تىل ئالاقىسى راۋان بولمىغاچقا، زى گۇيشىن ئۇلارغا قولمۇقول ئۆگەتتى.

زى گۇيشىن مۇنداق دېدى: قالاق قاراش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مۇھىم ھالقا.

مىڭ قېتىم، ئونمىڭ قېتىم سۆزلىگەندىن كۆرە، ئىشلەپ ئۈلگە بولۇپ دېھقان - چارۋىچىلارغا كۆرسەتكەن ياخشى. 2006 - يىلى، گۇما ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، زى گۇيشىن ئۆزىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىنكى بارلىق يىغقان پۇلىنى چىقىرىپ، گۇما ناھىيەسىدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئۈلگە باغچىسىنى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئەلا سورتلارنى كىرگۈزۈپ سېلىشتۇرۇپ سىناق قىلىپ، شۇ جايغا ماس كېلىدىغان زىرائەت سورتلىرىنى تاللاپ كېڭەيتتى. ئارقىدىن، ئۇ يەنە گۇما ناھىيەسى فاڭيۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇردى.

«مەن ئۇلارغا ھەقىقىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى زى گۇيشىن.

دېھقانلارنى باشلاپ ئىشلەش

− كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتىش

گۇما ناھىيەسى فاڭيۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ يەم - خەشەك سېخىدا، خىزمەتچى ئابلىمىت نۇر يەم - خەشەكلەرنى ئۇششاقلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، «بەختىمگە يارىشا زى باش دىرېكتور بولغاچقا، مەن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندىم، ئايدا 4000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمەن».

«شىركەت قۇرۇپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشۇم تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش ئۈچۈندۇر» دېدى زى گۇيشىن.

زى گۇيشىن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش، تېخنىكىسى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن قول سېلىپ، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى قەرەللىك تەكلىپ قىلىپ قاراتمىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىك خادىملىرى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق خادىملىرىنىڭ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنى قانات يايدۇردى؛ خاس دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ئۈلگە بازىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، يېزىلارغا بېرىپ سەييارە تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى قانات يايدۇردى. 16 يىلدىن بۇيان، زى گۇيشىن خاس دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ئۈلگە بازىسىغا تايىنىپ، 230 مەيدان - قېتىمدىن كۆپ تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇرۇپ، 50 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى گۇما ناھىيەسىدىكى ھەممە يېزا - كەنتلەرگە باردى، تەشۋىقات مۇلازىمەت ئوبيېكتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يەتتى.

دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قارىغۇلارچە سورت كىرگۈزۈپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، زى گۇيشىن ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەلا سورتلۇق ئاق شەنياۋنى تاللاپ، يېتىشتۈرۈپ، تېرىپ، شىنجاڭنىڭ داڭلىق ماركا مەھسۇلاتى دېگەن نامغا ئېرىشتى. رويخەتكە ئالدۇرغان «خىيشياۋزى» ماركىسىمۇ شىنجاڭدىكى داڭلىق ماركا نامىغا ئېرىشتى، شەنياۋنى ئومۇملاشتۇرۇپ تېرىش تۈرىنىڭ ئۆزىدىنلا شۇ يىلى پۈتۈن ناھىيە بويىچە كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم 300 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى.

ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىن پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى زورايتىپ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، يەنە ئۈلگە كۆرسىتىپ دېھقان - چارۋىچىلارنى ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشكىچە، زى گۇيشىن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، زى گۇيشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نەسىللىك قوي كۆپەيتىش بازىسى، ئۆي قۇشلىرىنى كۆپەيتىش مەركىزى، كۆكتات تېرىش بازىسى قۇرۇپ، جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى.

دېھقانلارنى پۇل تېپىشقا يېتەكلەش

− دېھقان - چارۋىچىلارنى كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندۇرۇش

بۇ بىرقانچە كۈندە، زى گۇيشىن ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرغان نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچە رايونى ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش باسقۇچىغا كىردى. «ئاساسلىقى ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، ئوراپ قاچىلاش، سېتىشنى ئاساس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز» دېدى زى گۇيشىن.

نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى گۇما ناھىيەسىدىكى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى − خېجيا يېڭى كەنتىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

زى گۇيشىن خېجيا يېڭى كەنتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى. زى گۇيشىن «شىركەت+بازا+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، فاڭيۈەن يېشىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ داڭلىق ماركىسى ۋە كەسپىگە تايىنىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يېرى، قوتىنى، پارنىكىنى بىرتۇتاش ئوبوروت قىلىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ، خاس تېرىقچىلىق ۋە كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، ئىلغار تېخنىكا، ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى ئەمگەككە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

«بازىنى زاۋۇت، قوتاننى سېخ قىلىپ قۇرۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، تارقاق باقمىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەككە دېھقانچىلىق كىرىمىنى <يىل ئاخىرىدا پايدا تەقسىملەش +شەخسىي ئىشلەمچىلىك كىرىمى+ئۈنۈم مۇكاپاتى>دىن ئىبارەت كۆپ خىل كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئۆزگەرتتۇق» دېدى زى گۇيشىن. ھازىر، 304 ئامما بازىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 1117 كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.