تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ھەم نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەرقايسى جايلار تۈرلەرنى يولغا قويۇش، مەبلەغ ئاجرىتىش، تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، نامرات رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار يىللىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. يىللىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تاماملانغانلىرىغا قارىتا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، پۈتكەن قۇرۇلۇش نەق چوتى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئالدىن بېجىرىپ، بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يىللىق تۈرلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى پۈتكەندىن كېيىن نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلار سانىنى ئازايتىش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش رولىنى ۋاقتىدا جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەبلەغ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى باشقۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، مەبلەغ، تۈر باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش تۈرىنى پىلانلاپ، «تۆتنى تاشلىماسلىق» تەلىپى بويىچە، 2021 - يىللىق ناھىيە دەرىجىلىك تۈر ئامبىرى قۇرۇش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەشكىللىشى، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى پىلانلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار تەپەككۇر شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۈلۈك باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغان، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىدىغان، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولغان نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى باشقۇرۇش خىزمەت تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ مۈلۈكنى ئېنىقلاپ تىزىملاشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرنى يولغا قويۇش ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ياكى تۈردىن نەپ ئېلىش ئوبيېكتلىرىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ مۈلۈكنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باشقۇرۇش - قوغداش تارماقلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش - قوغداش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ نامراتلارنى يۆلەش مۈلكى نازارەتچىلىكىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى ئاشكارىلاش، ئېلان قىلىش، ئۈچ مۈلۈك باشقۇرۇش، قەرەللىك سەييارە تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئورنىتىپ ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش، پايدا تەقسىملەش، كېيىنكى مەزگىللىك باشقۇرۇش، قوغداش، ئاسراشنى پۈتۈن مۇساپىلىك نازارەت قىلىش خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش مۈلكىنىڭ ئۇزاققىچە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»نى داۋاملىق تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تۈر خىزمىتىنى «قىش پەسىللىك ھۇجۇم»نىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ قاتنىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى سىجىل قوزغاش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ بو، ۋەن خەيچۇەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى