شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى 4 - تۈركۈمدىكى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر - ناھىيەلىرى تىزىملىكى ۋە 4 - تۈركۈمدىكى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش بازىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە قورغاس ناھىيەسى، بىڭتۇەن 9 - شىسىنىڭ 161 - تۇەنى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قېتىم «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارىغا كىرگەن جاي بولۇپ قالدى.
«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش بازىسى ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېشىللىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، يېشىل، ھەمبەھرە سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىش، ئۆرنەك قىلغىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچەم خادىسى ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئۈلگە بولۇش، يېتەكلەشنى مەقسەت قىلغان.
قورغاس ناھىيەسى ۋە بىڭتۇەن 9 - شىسى 161 - تۇەنى بۇ بىرقانچە يىلدا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ»نى «ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغ»قا ئايلاندۇرۇش جەھەتتە پايدىلىق ئىزدىنىپ ھەم ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، تېكەس ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر - ناھىيەسى بولۇپ تاللاندى. ئىككى جاي «ناھىيەنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق قۇرۇش» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەتنى يېتەكچى قىلغان ئېكولوگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەر - ناھىيەسى بولۇپ تاللانغان.