تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مۇھىتىدا داۋاملىق چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق، بازار بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چۇڭچىڭ، چېڭدۇدىن ئىبارەت ئىككى مەركىزىي شەھەرنىڭ ماس تۈرتكە بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رايون ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنى پۈتۈن مەملىكەتتە تەسىر كۈچكە ئىگە مۇھىم ئىقتىساد مەركىزىگە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ۋە ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى ياخشى ئېيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنى ياخشى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ قوش ئايلىنىشىغا پائال قاتنىشىشى كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى يولدا مېڭىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مەركەز بىلەن رايوننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، چۇڭچىڭ ئاساسىي شەھىرى بىلەن چېڭدۇنىڭ تەرەققىيات ئېنېرگىيە دەرىجىسى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشتىن ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىپ، ئەتراپتىكى شەھەر - ناھىيەلەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.