تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى دىرىژورلۇق تايىقى، قىزىل - يېشىل چىراغ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭدۇڭ، شېنجېننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىرقەدەر يۇقىرى، دۇچ كەلگەن بايلىق ئامىلىنىڭ چەكلىمىسى تېخىمۇ قاتتىق، خەلقئارادىن كەلگەن تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ساھەلەردىكى رىقابەت بېسىمى تېخىمۇ زور، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تۈپ چىقىش يولى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئالدى بىلەن سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما چىقارغاندىن بۇيان، شېنجېن دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلاندى، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سېھرىي كۈچكە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ھاياتىي كۈچكە، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە تولغان خەلقئارالىق يېڭىلىق يارىتىشچان شەھەرگە ئايلاندى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئاسىيادىكى شەھەرلەر ئىچىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇردى، 1000 تۈردىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلدى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2019 - يىلى 431 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتتى، دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسىدىن 17 مىڭدىن ئارتۇقنى توپلىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن تاماملىدى. «بىر تامچە سۇدا قۇياشنى كۆرگىلى بولىدۇ»، بىر جايدا بىر دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. شېنجېننىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيە خاراكتېرىگە، پىروگرامما خاراكتېرىگە، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پىكىر يولى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات كۈچەش نۇقتىسىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان، نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يۆنىلىش بولۇپ، جەزمەن تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شېنجېننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا زور ئۈمىد باغلىدى. شېنجېن يېڭى دەۋردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ شەھەر ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خەلقئارا ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىك، سىياسىي قاتارلىق ۋەزىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە چوڭقۇر تەڭشىلىش بولۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر بار، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ تەرەققىياتىمۇ بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. پەقەت دۆلەت ئىچى - سىرتى چوڭ ۋەزىيىتىنى دىيالېكتىك تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدەك چوڭ ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پۇرسەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، كىرىزىس ئىچىدە پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتقاندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىچىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

يېڭى ۋەزىيەت يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا موھتاج بولماقتا، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا. يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىدا قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالدا دۆلەت ئىچى بازىرىغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىغا ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق كۈنسېرى ئېشىۋاتقان دۆلەت ئىچى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى پوتېنسىئال ئېنېرگىيەنى ئاشۇرۇپ، يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات ۋە قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەر شارىۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا يۇغۇرۇلۇش كېرەك. زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېنېرگىيە دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇق ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جاھاندىكى تالانت ئىگىلىرىنى توپلاپ ئىشقا قويۇش كېرەك. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ پائال نەتىجە يارىتىپ، ئۈچ جاي ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش قائىدىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، مېخانىزمىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىكى، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشقا داۋاملىق ئىلھاملاندۇرۇش، يېتەكلەش كېرەك.

40 يىلدىن بۇيان، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسىدە ئېقىننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتتى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى يۆنىلىشنى كۆزلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ياخشى ئىگىلەپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى