تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرەيلى

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەشەببۇس چىقاردى

قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرەيلى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا تەشەببۇسنامە چىقاردى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان، ياخشى قىلىدىغان بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل، تاماملايدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «يېقىن ئارىلىقتىن ۋاراتاغا توپ تېپىدىغان» «پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاخىرقى پەللىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان» ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلدى. 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 7 - قېتىملىق «نامراتلارنى يۆلەش كۈنى» يېتىپ كېلىش پەيتىدە، بىز شۇنداق تەشەببۇس قىلىمىز:

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، خەلق ئاممىسى ھەمدە ھەر ساھەدىكى مېھرىبان زاتلار ئومۇمىي ھۇجۇم نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چۆرىدەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشى؛ ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچ قوشۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى شەھەرنىڭ «كۆك - تاق»، «ئاشلىق»، «مېۋە» ئېھتىياجى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتا بەلگىلەش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ئارمىيە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەشكە كۈچ قوشۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، يېتىم بالىلارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق خەيرىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق، ئەڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىدىغان ۋە قوللايدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

كىچىك ئېقىنلار قوشۇلۇپ دېڭىزنى ھاسىل قىلىدۇ؛ سانسىز يۇلتۇزلار چاقناپ، ئالەمنى يورۇتىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى