تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ۋە شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا ۋە شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنى باتۇرلۇق بىلەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىگە يۈزلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىش، كەسىپ جەھەتتە مەشىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇللارنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا قوللىنىش كېرەك؛ ئىقتىدار، ساپانى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئامما خىزمىتى ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، سىياسەتنى جايىدا ئىگىلىگەن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، زىددىيەت - توقۇنۇش ئالدىدا دادىللىق بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كىرىزىس، قىيىنچىلىق ئالدىدا دادىللىق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىيات ئالدىدا دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، خەلققە بولغان سەمىمىيەتنى شەرھلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېمىلىق، توپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىسىنى بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

شەۋكەت ئىمىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.