تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تېخىمۇ كۆپ «باھار ھېكايىسى»نى داۋاملىق يېزىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې

گۇاڭدۇڭنىڭ شىمال تەرىپى نەنلىڭ تېغىغا، جەنۇب تەرىپى نەنخەي دېڭىزىغا يۈزلەنگەن، قەدىمدىن تارتىپ دېڭىز يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئېقىمنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلمەكتە. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋر چوڭ دولقۇنىدا، بۇ مۇنبەت تۇپراق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دەۋرگە يېتىشىۋېلىش، بېيىش - قۇدرەت تېپىشقا قەدەم قويۇش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىش، يېڭى يول ئېچىشتەك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۆجىزىسىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى.

شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى دەل دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى دەسلەپكى نادىر ئەسەر.

2012 - يىلى 12 - ئايدا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەل بۇ يەرگە كېلىپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش» سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى.

2018 - يىلى 10 - ئايدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بۇ يەرگە كېلىپ، «داۋاملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، تىرىشىپ دۇنيا يېڭىچە نەزەردە قارايدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىش»قا چاقىرىق قىلدى.

2020 - يىلى 10 - ئايدا، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ، تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم چاۋشەن رايونىدا تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى −

«توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، ئىسلاھاتنى توختىتىپ قويماي، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختىتىپ قويماي، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك».

نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدا، يەنە باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى.

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئېسىل نامايەندىسى»

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «باھار ھېكايىسى»نىڭ كىشىلەرگە تونۇش ھەم چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان مېلودىيەسى شېنجېن چيەنخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ياڭرىدى. شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

«40 يىللىق باھار شامىلى ۋە شىپالىق يامغۇر، 40 يىل باھاردا چېچەكلەپ كۈزدە مېۋە بېرىش. ئەينى يىلى شېكوۋدىكى تاغ ئېچىش زەمبىرىكىنىڭ ئاۋازى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىماقتا، بۈگۈنكى كۈندىكى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ھاياتىي كۈچكە تولدى، دۇنياغا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى».

بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان مۇھىم سۆزدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ئىشقا ئاشۇرغان تارىخىي ھالقىشنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلىدى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا جۇغلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلىدى، يېڭى دەۋردىكى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇشىغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قايناق ھېسسىياتقا تولغان سۆز پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يىغىندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئالدىن يۈرۈش، ئالدىن سىناشتىن ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىشكىچە − شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شېنجېننىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

كۆرگەزمە زالىدا، شېنجېننىڭ كونا - يېڭى سۈرەتلىرى سېلىشتۇرمىسىدىن تەشكىللەنگەن «ۋاقىت − بوشلۇق تونېلى» باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى −

«1962 - يىلى شياڭگاڭدىن شېنجېنغا نەزەر − 2020 - يىلى شياڭگاڭدىن شېنجېنغا نەزەر» «1982 - يىلى ۋۇتۇڭ تېغىدىن شېنجېن شەھەر رايونىغا يىراقتىن نەزەر − 2020 - يىلى ۋۇتۇڭ تېغىدىن شېنجېن شەھەر رايونىغا يىراقتىن نەزەر»...

«ھەقىقەتەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ!» ھازىر بىلەن ئۆتمۈشنىڭ سېلىشتۇرمىسىدىن باش شۇجى چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «40 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن شېنجېنغا كېلىپ، جۇڭگو - ئەنگلىيە كوچىسىغا بېرىپ، ئىككى تەرەپتىكى پەرقنىڭ ھەقىقەتەن زورلۇقىنى كۆرگەنىدىم، بىر تەرەپتە ئەسكى ياغاچ ئۆيلەر بولسا، يەنە بىر تەرەپتە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان ھەشەمەتلىك كىچىك داچىلار بار ئىدى. ئەينى چاغدا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ھېس قىلغانىدىم».

«ۋاقىت - بوشلۇق تونېلى» نىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا، يىل سانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شېنجېننىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى باشقا ئاساسلىق شەھەر، رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان تۈۋرۈكسىمان ئىسخېمىسى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇراتتى.

«شېنجېننىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ئاسىيادىكى شەھەرلەر ئىچىدە 5 - ئورۇندا تۇرىدۇ. دەسلەپتە بۇ رەت تەرتىپنى كۆرگەندە، مەن ئانچە ئىشەنمىگەنىدىم، لېكىن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىشەنمەي تۇرالمىدىم. مانا بۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچى، كېيىنكى قەدەمدە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇش كېرەك».

ليەنخۇاشەن تېغىدا كۈزنىڭ مەيىن شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى.

يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ تاغ چوققىسىدىكى سۇپىدا قەد كۆتۈرگەن مىس ھەيكىلى ئايىغى ئاستىدىكى بۇ تۇپراققا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن نەزەر سېلىپ تۇراتتى، سالماق قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قىياپىتى كىشىلەرنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇراتتى.

2012 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ليەنخۇاشەن تېغىغا چىقىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم يىراق بولمىغان جايغا ئۆز قولى بىلەن بىر تۈپ گاۋشەنرۇڭ كۆچىتى تىكتى.

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە مىس ھەيكەلگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭغا بولغان ئالىي ئېھتىرامى ۋە چوڭقۇر سېغىنىشىنى بىلدۈردى.

تاغ چوققىسىدىكى سۇپىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېننىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىگە نەزەر سالدى، كۆز ئالدىدا رەت - رەت ئاسمان پەلەك ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، زامانىۋى چوڭ شەھەرنىڭ يارقىن ئۇپۇق سىزىقىنى سىزىپ چىققانىدى. خۇددى باش شۇجى تەبرىكلەش يىغىنىدا ئېيتقاندەك: «شېنجېن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق بىر قوللۇق بەرپا قىلغان يېپيېڭى شەھەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەزدىكى ئېسىل نامايەندىسى».

«40 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن شېنجېن يەنىلا ياش شەھەر بولۇپ، جۇش ئۇرۇپ ئالغا ئىنتىلمەكتە، گۈللىنىپ راۋاجلانماقتا.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنى چۆرىدەپ تۇرغان شەھەر ئاھالىسى، ئاممىغا مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن ۋە بۇرچ يۈكلىدى. بىز پات ئارىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، ئۇ چاغدا شېنجېن يەنە باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ. شېنجېننىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىدە كۆپچىلىككە تاياندۇق، شېنجېننىڭ كەلگۈسىدە يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا تايىنىمىز».

سەككىز يىل ئىلگىرى تىكىلگەن ئاشۇ بىر تۈپ گاۋشەنرۇڭ كۆچىتى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ، شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسانلىشىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ، چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سەككىز يىل ھەش - پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. ياخشى جاينى تاللاپتۇق، دەرەخ شاخلىرى غۇلاچ تاشلاپ، دەرەخمۇ تېز ئۆسۈپتۇ».

«تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش يولىدا مېڭىش»

چاۋجوۋ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ فارفۇر بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش - ئېكسپورت بازىسى. 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا فارفۇر بۇيۇمغا تايىنىپ روناق تاپقان ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى − چاۋجوۋ سەنخۇەن(گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولدى.

«بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئالدىڭلارغا تەتقىق قىلىپ ئاچتىڭلارمۇ؟ بازار ئىگىلەش نىسبىتى قانداقراق؟» باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر پارچە فارفۇر ئاساس تاختىسىنى قولىغا ئېلىپ كۆرگەچ سورىدى.

كارخانا مەسئۇلى باش شۇجىغا شىركەتنىڭ نۆۋەتتىكى %90تىن كۆپرەك ئۈسكۈنىسىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقانلىقىنى، رېزىستورغا ئىشلىتىلىدىغان فارفۇر ئاساسىي گەۋدىسى قاتارلىق كۆپ خىل يېتەكچى مەھسۇلاتلارنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

«ئالدىنقى يېرىم يىلدا 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدا ياراتتۇق» دېدى كارخانا مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.

تامدىكى «تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» دېگەن پىلاكاتقا قاراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېشىنى لىڭشىتقىنىچە: «سىلەر بۇ بىرنەچچە جۈملە سۆزنى ناھايىتى تولۇق چۈشىنىپسىلەر» دېدى.

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كارخانا خىزمەتچىلىرى بەس - بەستە يېتىپ كېلىپ چۆرىدەپ تۇردى.

«كارخاناڭلار ياخشى باشقۇرۇلۇپتۇ، يېڭىلىق يارىتىشىڭلار مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ مۇنداق دېدى: «ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش مەن ھازىر ئەڭ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەڭ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان ئىش. كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىدۇ. ھازىر بىز 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، رىقابەت ۋە تۈرلۈك خىرىس، بېسىملارغا دۇچ كېلىشتىن ساقلىنالمايمىز، بۇنداق ئەھۋالدا بىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك».

«تارىخ ھامان بۇرمىسىمان ئىلگىرىلەيدۇ. ئىلگىرى بىزنىڭ ئېچىۋېتىشىمىز <ئەگىشىپ يۈگۈرۈش> ئىدى، ھازىر بىزنىڭ ئېچىۋېتىشىمىز <يېتەكلەپ يۈگۈرۈش> بولۇشى كېرەك، بۇ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش.» باش شۇجى ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «بىز دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزە ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا تېپىپ، ياخشى تاللاپ، دۆلەتنىڭ بېيىشى، قۇدرەت تېپىشى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

«بۇ شەھەرنى سۆيگەن ئىكەنمىز، ئۇنى ياخشى ئاسرىشىمىز، ياخشى قۇرۇشىمىز كېرەك»

چاۋجوۋنىڭ قەدىمدىن تارتىپ «لىڭدۇڭدىكى تۇنجى شەھەر» دېگەن نامى بار.

مىڭ يىللىق قەدىمىي كۆۋرۈك گۇاڭجى كۆۋرۈكى ساھىلىدا، گۇاڭجى راۋىقى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگىنىچە، دەريانى بويلاپ تاغنى تىزگىنلەپ، شەھەرنى قوغداپ، كۆۋرۈكنى ساقلاپ تۇرىدۇ. 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قەدىمىي كۆۋرۈك، قەدىمىي شەھەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى.

گۇاڭجى راۋىقى كۆرگەزمە زالىدىكى ھەربىر پارچە چاۋجوۋ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئەسىرى تولىمۇ كۆركەم، تەڭداشسىز ئىدى.

«ھەقىقەتەن نەپىس ئىكەن!» «بۇنىڭغا نۇرغۇن زېھنىي كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغۇ دەيمەن!» «چاۋجوۋلۇقلار ھۈنەرۋەن دېگەن نامغا ھەقىقەتەن لايىق ئىكەن!» باش شۇجى ئارقا - ئارقىدىن ماختىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى چاۋجوۋ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنىڭ بىرقانچە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

«ھازىر بازار ئەھۋالى قانداقراق؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، يېڭى ئۆيلەرنى بېزەشتە ياغاچ ئويمىلارنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېھتىياج زور، بىرقىسىم كىچىك بۇيۇملارنىڭمۇ ناھايىتى بازىرى بار» دېدى چاۋجوۋ ياغاچ ئويمىچىلىقىنىڭ ۋارىسى جىن زىسۇڭ.

«بۇ مىللىي خاسلىققا باي نەرسە، خەلق ئارىسىدىكى بەخت تىلەكلىرى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ خىل ئىجادىي ئەسەرلەر ناھايىتى چوڭقۇر مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ئىگە، چوقۇم ئالقىشقا ئېرىشىدۇ!» دېدى باش شۇجى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ.

گۇاڭجى راۋىقىنىڭ ئاستىدا، 23 قەدىمىي خاتىرە راۋىقى 51 قەدىمىي كوچىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، رەت - رەت دۇكانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قەدىمىي كوچا بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى. «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز!» ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كوچا بويلاپ پىيادە مېڭىپ، سودىگەرلەر، ساياھەتچىلەر بىلەن پات - پات سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى: «قۇرۇق، ھۆل مېۋە - چېۋىلەرنىڭ سېتىلىشى قانداقراق؟» «سىز بۇ كاۋاپ ئېلانىنى ياخشى ئىشلەپسىز!» «دېڭىز قۇلۇلىسى قورۇمىسىنى مەن شيامېندىمۇ يەپ باققان، ناھايىتى يېيىشلىك!» «كالا گۆشى كۇمىلىچىنىڭ بىر قاچىسى ئون يۈەنكەن، بەك ئەرزانكەن!» «مەنمۇ گۇڭفۇ چېيى ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئەپسۇس مېنىڭ ئۇنچە كۆپ <بىكار ۋاقتىم> يوقتە!» ... يۇمۇرىستىك گەپ - سۆزلەردىن كۆپچىلىك خۇشال كۈلۈشتى .

كۆپچىلىك باش شۇجىغا دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن كېيىن، سودىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ قوش بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە سودىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

«1978 - يىلى مەن چاۋجوۋغا كەلگەن، ئەينى چاغدا يول ياخشى ئەمەس ئىدى، گۇاڭجوۋدىن بۇ يەرگە كەلگۈچە ئاپتوموبىللىق بىر كۈن ماڭغانىدىم. بۈگۈن بۇ يەرگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، چاۋجوۋنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىپ، كۈندىن - كۈنگە روناق تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «چاۋجوۋ ئۇزاق تارىخقا ئىگە داڭلىق مەدەنىيەت شەھىرى. چاۋجوۋدا نۇرغۇن گۆھەر بار، چاۋجوۋ كەشتىسى، ياغاچ ئويما، چاۋجۈ تىياتىرى، گۇڭفۇ چېيى، چاۋجوۋ قورۇمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزگىچە بولۇپ، تولىمۇ قىممەتلىك، ھەقىقەتەن تېپىلغۇسىز. بىز بۇ شەھەرنى ياخشى كۆرگەنكەنمىز، ئۇنى ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى قۇرۇشىمىز كېرەك».

گۇاڭجى راۋىقىدا چەكسىز تۇمانلار ئىچىدىكى سۈرەت كەبى گۈزەل تاغ - دەريالارغا يىراقتىن نەزەر سالغىنىچە، باش شۇجى چوڭقۇر ئويغا پاتتى.

چاۋجوۋ شەھىرىدىكى يولداشلار باش شۇجىغا شۇ جاينىڭ تارىخىي ئۆرنەكلىرىنى تونۇشتۇردى: نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان گۇاڭجى كۆۋرۈكى «گۇاڭدۇڭ خەلقىگە كۆپ يار - يۆلەك بولۇپ كەلدى»، لېكىن بۇ ئارزۇنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى. چاۋجوۋ خەلقى پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىدۇ، يېڭى دەۋرگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

«ھەربىر دەۋردە ھەربىر دەۋرنىڭ ئىشىنى قىلىش كېرەك. ياخشى قىلىندىمۇ، ياخشى قىلىنمىدىمۇ، تۆھپىسى چوڭمۇ كىچىكمۇ، بۇنىڭغا تارىخ گۇۋاھ! كوممۇنىستلار چوقۇم خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى.

«بىز قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلايلى»

خەنجياڭ دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنگە ماڭغاندا، دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئورنى دەل شەنتوۋ شەھىرى.

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنتوۋ شەھىرىدىكى كىچىك باغچە كەيبۇ رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

سودا پورتى مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسىغا كىرگەندە، قويۇق تارىخىي تۈسنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

«غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ پاراخوت، زەمبىرەكلىرى بىزنىڭ دۆلەت دەرۋازىمىزنى ئاچتى، ئەينى چاغدا بىز پاسسىپ ئېچىۋېتىلگەنىدۇق. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز مانا مۇشۇنداق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە تاياندۇق.» قەدىمكىنى ئۆرنەك قىلغاندا ھازىرقىنى بىلگىلى بولىدۇ، دېدى باش شۇجى ئىنتايىن ھاياجان بىلەن.

چاۋشەن رايونى داڭلىق چياۋمىنلار يۇرتى. ئەينى يىلى شەنتوۋ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنى تەسىس قىلىشتا، خۇاچياۋلار بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش نەزەردە تۇتۇلغانىدى.

«يېڭى دەۋردە قانداق قىلغاندا <چياۋمىنلار> ماركىسىنى ياخشى ياراتقىلى بولىدۇ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلالايدىغان پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ خۇاچياۋلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىلغار تېخنىكا ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەرنى كىرگۈزۈش كېرەك. بولۇپمۇ شەنتوۋنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىشتا نېمىنى تۇتۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، يولنى توغرا ماڭغاندىلا، ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، چوقۇم قالتىس نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلھاملاندۇرۇپ.

چياۋمىنلار خەت - چەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سارىيىدا، ساراي باشلىقى لىن چىڭشى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت - چەك يېزىش، خەت - چەك ئەۋەتىش، خەت - چەك يەتكۈزۈش، خەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ كونكرېت تەرتىپى، ھەمدە توپ - توپ «چياۋمىنلار خەت - چەكلىرى»نىڭ ئارقىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

«بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات، قۇرۇلۇش ئىشلىرىمىز قەلبىگە يۇرتىنى پۈككەن، ۋەتەنگە رىشتە باغلىغان زور بىر تۈركۈم خۇاچياۋلاردىن ئايرىلالمايدۇ.» باش شۇجى چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «خۇاچياۋلارنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈش. ئۇلار ياقا يۇرتتا جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ، پۇت دەسسەپ تۇرغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ يۇرتى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ، بىر يۈەن بولسا بىر يۈەن، ئون يۈەن بولسا ئون يۈەن ئەۋەتىپ بەردى. مانا بۇ جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مەدەنىيىتى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قەلبى».

كەيبۇ رايونىدىكى كوچىلار چياۋمىن يۇرتىدىكى قىزغىن شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن لىق تولغانىدى، كۆپچىلىك بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، بەس - بەستە يان تېلېفوننى ئېلىپ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

كوچا مەركىزىدە تۇرۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر توپى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە گۇاڭدۇڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدۇم، چاۋشەنگە كەلدىم، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتىم، بۇنىڭدىكى مەقسەت دۆلەت ئىچى - سىرتىغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بوشاشماي تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىبارەت. يۇرتداشلار، بىز قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلايلى!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.