تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ پىيادىلەر كوچىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تۇنجى تۈركۈم سىناق نۇقتىسى ئېلان قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ): 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پىيادىلەر كوچىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پىيادىلەر كوچىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە تۇنجى تۈركۈم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىناق نۇقتا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى قاتارلىق 13 كوچا رايونى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

  سىناق نۇقتا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن باشقا 12 كوچا تۆۋەندىكىچە: تېكەس ناھىيەسى لىجيې مىللىي ئۆرپ-ئادەت پىيادىلەر كوچىسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى بىنخې پىيادىلەر كوچىسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى قەدىمىي شەھەر سودا كوچىسى، كورلا شەھىرى خۇڭفېڭ كوچىسى، بورتالا شەھىرى سودا پىيادىلەر كوچىسى، تۇرپان ئىدىقۇت رايونى خۇيچېڭ تارىخىي مەدەنىيەت پىيادىلەر كوچىسى، ئاقسۇ شەھىرى فېڭچۈەن كوچىسى، خوتەن شەھىرى تۈەنچېڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت سودا پىيادىلەر كوچىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى جيۇلۇڭچۈەن كوچىسى، قاراماي شەھىرى خۇيجيابىنخې مەيدانى پىيادىلەر كوچىسى، ساۋەن ناھىيەسى شىنساۋەن سودا پىيادىلەر كوچىسى، شىخەنزە شەھىرى بەخت يولى سودا پىيادىلەر كوچىسى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدرىجىي دائىملاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پىيادىلەر كوچىلىرى توپلاشقان رايونلار جانلىنىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولىدىغان، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. جايلار يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت، ئىستىراھەت قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھالەتلىرىنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، شەھەر ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇش، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلاندۇردى. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش شارائىتىدا، جايلار پىيادىلەر كوچىلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەرقايسى سىناق نۇقتا رايونلىرى يەنە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىيادىلەر كوچىسى تىجارىتىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پىيادىلەر كوچىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق سىياسەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سىناق نۇقتا پىيادىلەر كوچىسىنى ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سۇپا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋاسىتە، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغان كۆزنەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك سودا ئىدارىلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شۇ جاينىڭ خاس ماركىسى ۋە كونا داڭلىق ماركىسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق ماركىلارنى كىرگۈزۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تولۇق قېزىپ، تارىخىي ئەسلىمە، مەدەنىيەت تومۇرى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە پىيادىلەر كوچىسىنى بەرپا قىلىپ، شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، سودا بىلەن ساياھەتنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى