تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«بۇلۇت ئۈستىدىكى قەبىلە» كۇلدەنەڭ سىزنى قارشى ئالىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئورال جانىمقان، يۆ مېيتىڭ خەۋىرى، فوتوسى): قابا ناھىيەسى جايلىما يېزىسى كۇلدەنەڭ كەنتى بۇ ناھىيە بازىرىغا 41 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر كىچىك كەنت، بۇ يەردە گۈزەل مەنزىرە، ئىپتىدائىي ياغاچ ئۆيلەر، ساددا چارۋىچىلار بار.

  كۇلدەنەڭ كەنتى بۇلغانمىغان، زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، كەنتتە تېرىلغان ياڭيۇ، بۇغداي، ئارپا، كۆك پۇرچاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە قۇرۇت، سېرىق ماي، پىشلاق، سۈت ھارىقى قاتارلىق ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرى ناھىيە ئىچى باشقا رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  كۆپچىلىكنىڭ كۇلدەنەڭ كەنتىگە، «بۇلۇت ئۈستىدىكى قەبىلە»گە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»