تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يۈەن لۇڭپىڭ ئەترىتى قۇملۇق شورغا چىداملىق شالدىن يەنە ھوسۇل ئالدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈزدە، شالنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالدى. شىنجاڭنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىدىكى شورغا چىداملىق شال تەجرىبە بازىسىدىكى شورغا چىداملىق شالنى ئورۇش رەسمىي باشلاندى. ئىلگىرى، ھوسۇلنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېتىز-ئېرىقلارنى تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، مو بېشى مەھسۇلاتى 548.53 كىلوگىرامغا يەتكەن.

  يوپۇغا ناھىيەسى تۇپرىقىنىڭ شورلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان بولغاچقا، ناھىيە بويىچە %90 تېرىلغۇ يەر شورلىشىپ كەتكەن. 2018-يىلىدىن باشلاپ، ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭنىڭ چىڭداۋ شورغا چىداملىق شال تەتقىقات مەركىزى يوپۇغا ناھىيەسىنى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى شورلۇق يەر شېلىنى ياخشىلاش تەجرىبە بازىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ، شورغا چىداملىق شال تېرىشنى تەجرىبە قىلغان.

    شورغا چىداملىق شال بازىسى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ لىشەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تۇپراق ئۇدا ئۈچ يىل شال تېرىش ئارقىلىق ياخشىلىنىپ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇغداي تېرىشقا تەييارلاندى، شورلۇق يەرنىڭ ياخشىلىنىش دەرىجىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، كېيىنكى مەزگىلدە شورلۇق يەرنىڭ ياخشىلىنىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»